ئىقتىساد

يېڭىلانغان تارىخ: 18.12.2015 15:53:53 يوللانغان تارىخ: 18.12.2015 15:53:53 0 2122

تەشكىلاتنىڭ بوغالتىرى تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىغا خىيانەت قىلدى

بوخۇسلەن يېزىسىدىكى جەمئىيەتنىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشى، 10 يىل ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ يېرىم مىليون كورونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن

تەشكىلاتنىڭ بوغالتىرى تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىغا خىيانەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ كىچىك بوخۇسلەن دېگەن بىر يېزىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادقا مەسئۇل بوغالتىر تەرىپىدىن جەمئىيەتنىڭ 500 مىڭ كورون پۇلىنى خىيانەت قىلىنغان.

شىۋېتسىيە كۈنتەرتىپى تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە: شىۋېتسىيەنىڭ كىچىك يېزىلىرىدىن بېرى بولغان بوخۇسلەن يېزىسىدىكى جەمئىيەتنىڭ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشى، 10 يىل ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ يېرىم مىليون كورونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە: 10 يىلدىن كېيىن خىيانەت قىلمىشى ئاشكارىلانغان بوغالتىر، جەمئىيەت باشلىقى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خەۋەردە دېيىلىشىچە: ئۈددېۋاللا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، مەزكۇر بوغالتىرغا ساختىلىق قىلىش، ئۆزىگە ئائىت بولمىغان پۇلغا خىيانەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش ۋە دۆلەتنى ئالدىغانلىق جىنايىتى ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە: جەمئىيەت ھېسابىدىن نەق پۇل چىقىرىپ جەمئىيەت ئۈچۈن ئىشلەتكەن قىلىپ كۆرسىتىشتەك ساختىلىق قىلغان 60 ياشلىق بوغالتىر، ئەمدىلىكتە خىيانەت قىلغان پۇللار ئۈچۈن قانون ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىداكار تەييارلىدى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى