ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.09.2014 14:00:40 يوللانغان تارىخ: 05.09.2014 14:00:40 0 1166

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشچىلار زوراۋان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىشغالچى خىتاي دائىرلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ 28- ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەركەنت ناھىيىسىنىڭ 4 يېزىسىدىن ئۈچ مىڭدىن بەش مىڭغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىشى ۋە ئالدىنقى ھەپتىدە خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ 8 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارشى شىۋېتسىيەدە نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىش 2014- يىلى 05- سېنتەبىر كۈنى، شىۋېتسىيە ۋاقتى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا سائەت 14:30 دە باشلىنىپ 16:00 دا ئاخىرلاشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، 2009- يىلى 05- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغانلارنىڭ رەسىملىرى، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ جانلىق خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ شوئار توۋلىدى.

كېيىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن ئۇيۇشمىنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە زوراۋانلىقىلىرىنى ئەيىبلەپ يازغان باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئاخىردا نامايىشچىلار زوراۋان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا غەزەپ- نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى.

 

 

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى