ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 01.12.2015 08:55:37 يوللانغان تارىخ: 01.12.2015 08:55:37 0 1983

باي زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار كۆچمەن خىتايلارغا قۇل بولـماقتا

غالجىرلاشقان خىتاي ئالۋاستىلىرى، ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇق تۇتقۇن قىلىش، نىشانلاپ ئۆلتۈرۈش، تېرىك شاھىت قويماي قىرغىن

‏باي زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار كۆچمەن خىتايلارغا قۇل بولـماقتا
دۇنيانىڭ ئەڭ باي زېمىنلىرىدىن بېرى ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەڭ نامرات ھالەتكە كەلـمەكتە. بۇندىن 20 يىل بۇرۇن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىن ئىشلەپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى قاتارىدا نەرسە كېرەكلىرىنى تېڭىپ ئەپكەشكە ئارتىپ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ ئەسكى تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش، ئۇيغۇرلارغا مەدىكار بۇلۇپ ئىشلەش قاتارلىق ئەمگەكلەر بىلەن جان باقاتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، ئىز ـ دېرەكسىز يوقىتىش ۋاستىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ياشلار بىر ـ بىرلەپ ئازىيىشىغا ۋە ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى كۈنسايىن قىيىنلاشماقتا.
خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالـمىش تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى شەھەر يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش، ئىز دېرەكسىز يوق قىلىش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ھەر ئائىلىدىن دېگەندەك ئائىلىنىڭ بېشى ياكى ئەمگەك كۈچىنى يوقىتىش ياكى تۈرمىگە قاماش ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تۇرمۇش ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 2009ـ يىلى 5ـ ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پەردە يىرتىلىپ تاشلانغان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئىناق ياشايدۇ دېگەن يالغانچىلىق ۋە ساقتىپەزلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھېيلە نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ ھەرخىل تەتۈر تەشۋىقاتلارنى قىلىپ يۈرگەن بىر پەيتتە 2014ـ يىلى 22ـ ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازاردىكى ۋەقە پارتىلىغاندىن كېيىن قاتتىق غالجىرلاشقان خىتاي ئالۋاستىلىرى، ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇق تۇتقۇن قىلىش، نىشانلاپ ئۆلتۈرۈش، تېرىك شاھىت قويماي قىرغىن قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبى بىلەن، ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ باشقا كىرىم مەنبىيى بولـمىغان، باشقىلارنىڭ ھەتتاكى چەتئەللەردىكى ئورۇق تۇققان، دوستلىرىنىڭ ياردەم قىلىشى چەكلەنگەن دېھقانلار، ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن باشقىلارغا مەدىكار بۇلۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولـماقتا.
دولقۇن

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

تۈركولوگ، مېھرى- مۇھاببەت، ياخشىلىق ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ