ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

ئىقتىساد

يېڭىلانغان تارىخ: 08.11.2015 00:05:06 يوللانغان تارىخ: 08.11.2015 00:05:06 0 16233

خىتاي ئىقتىسادىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(2)

شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئارقا تۈۋرۈكى بولۇپ كەلگەن. شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدىغان غايەت زور تەبىئىي بايلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيىدىكى باج نىسبىتى ۋە كارخانىلارغا بولغان ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويالىغان

خىتاي ئىقتىسادىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم   (2)

 

بۇغرا

 

خىتايدىكى ئىقتىسادى مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ھۆكۈمەت خامچوتى سىرتىدىكى چىقىملارغا كەتكەن چىقىملار بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بانكىغا بولغان قەرزى پۈتۈن خىتايدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ 2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. خىتاينىڭ ئەسكىرى چىقىمىمۇ يىلسېرى ئېشىۋاتقان، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە مۇقىملىق مەسىلىسىگە بولغا چىقىملىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتايدىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە چىرىكلىكى تۈپەيلى كېلىپ چىققان زىيان چوڭايماقتا. گەرچە چىرىكلىككە زەربە بېرىش دېگەن قالپاق ئاستىدا زەربە بېرىشنى كۈچەيتسىمۇ، پەقەت تاسادىپىي چىرىكلىككە چېتىلىپ قالغانلار، ھۆكۈمەت تەرەپكە ئانچە ياقمىغانلار، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتتىن چىققان كادىرلار بۇلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان چىرىكلىكنى تۈگىتەلمىدى. تىيەنجىدىكى چوڭ پارتلاش بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ھېلىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاشقا سەۋەب بولغان شىركەتنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققىنى يوق. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ نۇقتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن باش تارتتى.

شۋېتسىيە سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك شىركىتى Guy Carpenter نىڭ ھېسابلىشىغا قارىغاندا تىيەنجىن پارتلىشىدىن چىققان بىۋاسىتە زىيان 3مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئەگەر ئۆلگەن يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش ۋە باشقا بىۋاسىتە زىيانلىرىنى قاتناشقان سۇغۇرتا تۈرى ۋە بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ، سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئەڭ ئاز 1مىليارد 600 مىليون دوللاردىن 3 مىليارد 300 دوللارغىچە بۇلىشى كېرەك ئىكەن. نۇرغۇن خىتايلار يەنە بۇ پارتلاش توغرىسىدا ئۆسەك سۆز تارقاتقان دەپ تۈرمىگە تاشلانغان. بۇلاردىن باشقا خىتاي يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، مەبلەغ جەھەتتىكى بېسىمى ئېشىپ ماڭماقتا. خىتاينىڭ بۇ سىياسىيىتى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستانغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە.

 

ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر

 

شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئارقا تۈۋرۈكى بولۇپ كەلگەن. شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدىغان غايەت زور تەبىئىي بايلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيىدىكى باج نىسبىتى ۋە كارخانىلارغا بولغان ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويالىغان. شەرق تەرەپتە ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ مىقدارىدا مەبلەغ سېلىشى بىلەن چوڭىيىپ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن خىتاي كارخانىلىرى ۋە خوجايىنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نامرات دېھقانلارغا بېرىلگەن ئازغىنە پۇلغا كۆزى قىزىرىپ، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا شۇنچە قوللاش سىياسىتى يارىتىپ بېرىۋاتسا ئۇلار يەنە نامرات، دېيىشىدۇ. سودا توختامى ئۈچۈن كەلگەن گۇاڭدۇڭنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بىلەن تاسادىپىي پۇرسەتتە گەپ تالىشىپ قالدىم، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ قارىشىچە نۇرغۇن خىتاي كارخانىلىرى ھۆكۈمەتتىن رازى ئەمەس، چۈنكى ھۆكۈمەت بۇلاردىن ئالغان يۇقىرى نىسبەتتىكى باجنىڭ ھەممىسىنى ئاپىرىپ شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم بېرىشكە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسى ئۇل- مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەنمىش، بۇ سەۋەبتىن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەنلەپ كېتىپتىمىش. ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بىر يىلدا ھۆكۈمەت تارقاتقان نامراتلار ياردەم پۇلىنىڭ 100 مىليونغا يەتمەيدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتايلارنىڭ ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب تەرىپىگە پويىزنىڭ خىتاينىڭ غەرب تەرەپ ئۆلكىسىگە قارىغاندا توپتوغرا 50 يىل كېچىكىپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشلىتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىسىگە 20 يىل ئاۋۋال ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تېخى يېقىنقى يىللاردا ياسىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇل -مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بەرگەن ياردىمى ئەسلى قىلىش تىگىشىشلىكىنىڭ 100% گە يەتمەيدىغانلىقى دېدىم، ئەمما ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ كۆنۈپ قاپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قوللاش يوق، چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ؛

  1. ئۇيغۇرلارغا بولغا چەكلەش ۋە خىتايلارغا يارىتىلغان سودا تەشۋىقات: ئالىي مەكتەپتە بىر دوستۇم چىلان ۋە ياڭاق سودىسى قىلماقچى بوپتۇ، بىر ماشىنا چىلان ۋە ياڭاقنى مىڭ تەسلىكتە خىتاي سودىگەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن سۇجۇغا ئاپىرىپتۇ. ئەمما خىتاي سودىگەرلەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇلارنىڭ سودىسىغا ئارىلىشىپ كىرىشىگە كۆزى قىزىرىپتۇ. دەسلەپتە خېرىدارلىرىنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋېتىپتۇ، باشقا يەرگە ئاپىرىپ ساتىمەن دەپ تۇرغاندا "بۇ يەردە تېررورچىلار بار" دەپ ساقچىلارغا خەۋەر قىلىپ، دوستۇمنى سولىتىۋېتىپتۇ. دوستۇم بىر ھەپتىدىن كېيىن گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ قۇيۇپ بېرىلگەندە، ئىسكىلاتتا قالغان چىلان ۋە ياڭاقلار ئاللىقاچان سېسىپ كەتكەن ئىكەن. ئالدىنقى ئايدا يەنە شۇ دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، دوستۇم شۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇق مېۋە -چىۋىنى ئىچكىرىگە ئاپارماي، ئېتىز بويىدىلا ئىچكىرىگە مال توشۇيدىغان خىتايلارغا ساتىدىغان بولغان. دوستۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان بىچارە دېھقانلار بىر يىل جاپا تارتىپ يېتىشتۈرگەن چىلان ياڭاقلارنىڭ ھۆل پېتى كىلوسىنى 3-4 يۈەندىن، قۇرۇتقاندىن كېيىن 7-8 يۈەندىن ساتىدىكەن. خىتاي سودىگەرلەر ئىچكىرىگە ئاپىرىپلا 70-80 يۈەندىن ساتىدىكەن. دېھقانلار بىر مو باغدىن بىر يىلدا 3000 يۈەنلىك كىرىم قىلىدىكەن، ئەمما خىتايلار بۇ 3000 يۈەنلىك مېۋىنى ئاپىرىپ 30مىڭ يۈەن پايدىسىغا ساتىدىكەن. دېھقانلارنىڭ كىچىككىنە كىرىمى ئەسلدىنلا مېۋىلەرنى پەرۋىش قىلىش ۋە باشقا سېلىقلارغا يەتمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ۋەقەلەر تۈپەيلى بەزى خىتاي سودىگەرلەر كەلمىگەن، كەلگەنلىرى تېخىمۇ تۆۋەن باھا بىلەن ئەڭ ياخشى سۈپەتلىك مېۋىلەرنى ئېلىپ كەتكەن، ساتالمىغان دېھقانلار زىيان تارتقان. پەقەت مېۋە- چىۋىلەردىلا ئەمەس، پاختا باھاسىمۇ ئوخشاش زىيانغا دۇچ كەلگەن. 3 يىل بۇرۇن كىلوسى 13يۈەندىن سېتىلغان پاختىلار بۇ يىل 5 يۈەن ئەتراپتا بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يېقىنقى يىللاردىن خىتايلاردىن سۇ ئاشمىغاچقا، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئېتىزىغا سۇ يېتىشمەسلىك، ھەر كۈنلۈك سىياسىي ئۆگىنىش ۋە مەجبۇرى ئۇسۇل پائالىيىتى تۈپەيلى ئومۇميۈزلۈك زىيان تارتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
  2. مىللىي ئىقتىسادتا كۆرۈلگەن چېكىنىشلەر؛

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىستاستىكىلىق ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ كەلمىگەن، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كىرىمى، ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق بىرەر ئىشەنچلىك مەلۇمات ئالماق ئىنتايىن تەس. ئەمما ھەر يىلى مەمۇرلۇققا ئېلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئاز نىسبەتتە ئېلىنىشى، خىزمەت تېپىش جەھەتتە چەتكە قېقىلىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، كۆپ قىسمى ئىرادىسىگە قارشى ئامالسىزلىقتىن ياردەمچى ساقچى بولۇش يولىغا ماڭغان. ئاز بىر قىسمى يۇقىرىلاپ ئۇقۇشنى، ياكى بىرەر كەسىپنىڭ پىشىنى تۇتۇشنى تاللىسىمۇ ، بىر قىسمى ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغان. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ھېچقانداق مەشىققە قاتناشتۇرۇلمىغان بىچارە ياردەمچى ساقچى بولغانلار قولىدا قورال يوق، ئاخشىمى ساقچىخانا ئەتراپىنى ئايلىنىپ خىتاي ساقچىلارنى قوغدايدىكەن، بىرەر ۋەقە چىقسا ئاۋۋال ئالدىغا چىقىرىلىپ قويۇلدىغىنىمۇ ياردەمچى ساقچىلار ئىكەن. ياردەمچى ساقچى بولمىغان، ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغان ياشلارنىڭ بولسا سېتىش يولىنى كېڭەيتىش جەريانىدا توسالغۇغا يولۇققان. خىتاي ساقچىلار يېزا ياكى رايون ئاتلاپ سودا قىلىشىغا يول قويمىغان، باشقا شەھەرلەردە مېھمانخانىدا يېتىشتا رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان، ماللىرى مۇسادىرە قىلىنغان، مەجبۇرى ئۇسۇل ئويناشقا ئاپىرىلىپ، سودىسىمۇ يۈرۈشمەي زىيان تارتقانلار خېلى كۆپ ساندا ئىكەن.

  1. ئىقتىسادى قىيىنچىلىق پەقەت قىيىنچىلىقلا ئېلىپ كەلمەستىن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ئىزدىنىش، خىتاي كارخانىلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە تىرىشىش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ جەنۇب تەرەپتىكى ياساش سانائىتىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن ئىشسىز قالغان ئون مىڭلىغان خىتاي ئىشلەمچىلەر ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئادەم كۈچى بازىرىدىكى رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇر ياشلاردىمۇ شىركەت قۇرۇش، مۇنتىزىملىشىش، يېڭىلىق يارىتىش، خىتاي كارخانىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. ئىستېمالچىلاردا بولسا ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ماللىرىنى ئالىدىغان، خىتاي ئىچكىرى رايونىدا ئىشلەنگەن ماللارنى زۆرۈرىيىتى بولمىسا ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ياشلاردا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى چەتئەلنىڭ ئىشەنچلىك ماللىرى بىلەن تەمىنلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن، ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقىمۇ ئېشىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان باشقا ئۇيغۇرلارغا ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىدىغان ئىشلارمۇ كۆپەيگەن.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچرىغا ئىقتىسادى مەسىلىلىرىدە زىيان تارتقىنى يەنىلا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بولدى، ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە قارىتا ياردەم بېرىش سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادى ئەزەلدىن نەزەرگە ئېلىنمىدى. بۇ قېتىملىق نوپۇس سىياسىتىدە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسىنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆزگەرمەسلىكى، تېخى ياردەم پۇلى ھېسابىغا توي قىلىپلا تۇغماسلىق ئوپېراتسىيە قىلىشقا تەشۋىق قىلىنىشى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. مەيلى غەرب ئەللىرى بولسۇن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسۇن، بىر مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان مەۋجۇت بولۇش شەرتى – ئىقتىسادى ئامىلنى ئانچە تىلغا ئېلىپ كەتمەيدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىق تۈگىمەي، قاقشاۋەرگەن بىلەن، ھېچكىم يىغلاڭغۇ بوۋاقنى ياقتۇرمايدۇ. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن كۆزەتكەندە، خىتايدا ئىقتىسادى مەسىلە كۆرۈلسە ئەھۋالى بەكرەك ناچارلىشىشنى يەنىلا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردۇر.

بىز مۇشۇنداق بىر پەيتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كاللىسى سەگەك، تېخىمۇ تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىغا كۆپلەپ ئېھتىياجىمىز بار.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى