ئىقتىساد

يېڭىلانغان تارىخ: 06.11.2015 02:14:15 يوللانغان تارىخ: 06.11.2015 02:14:15 0 3802

خىتاي ئىقتىسادىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(1)

ھەممىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىمىرىلىشى توغرا كەلسە ئاۋۋال ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىقتىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. خىتاي پايچەك بازىرى ھازىر نورمال بازار قىممىتى ئەتراپىدا داۋالغۇپ

خىتاي ئىقتىسادىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم    (1)

 

بۇغرا

 

ھېلىمۇ ئېسىمدە، 9 يىل ئاۋۋال فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان خىتاي پۇل مۇئامىلە بازىرىغا بولغان ئىشەنچ ۋە كېيىنكى تەرەققىيات مۆلچىرى ھەققىدىكى بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانتىم. يىغىنغا خىتاينىڭ تونۇلغان ئىقتىسادشۇناسلىرى ۋە پروفېسسورلار كەلگەن بولۇپ، بۇ مەزگىل خىتاي پايچەك بازىرىدا 14 يىللىق شىددەتلىك ئۆرلەشتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم زور كۆلەمدە چۈشكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن، ئۇ چاغلاردا داۋالغۇش ناھايىتى چوڭ ئىدى.

1991 -يىلى 100 نۇقتىدىن باشلانغان پايچەك، 1997 -يىلى 1000 نۇقتىنى ئاشقان، شۇ چاغدا تەتقىقاتچىلار 1000 نۇقتىدىن زىيادە ئېشىپ كەتسە پۇل مۇئامىلە كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقى توغرىلىق مۇلاھىزىلەرنى قىلىشقان. 2001 - يىلغا كەلگەندە 2240 نۇقتىغا چىققاندا ئەمدى ئىقتىساد گۈللەندى، ھەرگىز چۈشۈپ كەتمەيدۇ دەپ قاراشقان، ئەمما 2005- يىلغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم 1000 نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

9 يىل بۇرۇنقى شۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىقتىسادشۇناسلار ، شۇنداقلا شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ھەيئەتلىرى قاتناشقان يىغىندا بىردەك قىلىپ، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 2000 نۇقتىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشسىمۇ، 2007- يىلنىڭ ئاخىرى 6130 نۇقتىغا ئۆرلىگەن پايچىكى بازاردا جۇشقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، خىتايلاردا خىتاي ئىقتىسادنىڭ چېكىنمەس دەرىجىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، پايچەكنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ تۇرىدىغانلىقى توغرىلىق مۇلاھىزىلەر بولۇنغان.

دەل شۇ يىلى يەنە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا پايچەكنىڭ ئەمدى چۈشمەيدىغانلىقىنى، چۈشكەن تەقدىردە 4000 نۇقتىدىن تۆۋەنلەپ كەتسە خىتاي ئىقتىسادىدا ۋەيرانچىلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئەڭ ناچار ئەھۋالدىمۇ 4000 نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن، ئەمما بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا پاي چەك كۆرسەتكۈچى 1500 نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان، يۈزلىگەن پايچەك شىركەتلىرى ۋە پايچەكنى بازارغا سالغان شىركەتلەر ۋەيران بۇلغان ئىدى. خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ مۆلچەرلىرى بىر قېتىممۇ توغرا چىقىپ باقمىغان ئىدى، شۇنداقلا پايچەك ھەرقانچە چۈشۈپ خىتاي كارخانىلىرى ۋەيران بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدە ماس قەدەمدە ۋەيران بولۇشنىڭ ئالامىتى تېخى كۆرۈلمىدى. بۇ بىزگە خىتاي پايچەك كۆرسەتكۈچىگە قاراپ باھا بېرىشنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھەممىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىمىرىلىشى توغرا كەلسە ئاۋۋال ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىقتىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. خىتاي پايچەك بازىرى ھازىر نورمال بازار قىممىتى ئەتراپىدا داۋالغۇپ كېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش نىسبىتى ئىلگىرىكى يىللاردىن ئېشىپ كەتتى. بۇ قېتىملىق يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كاساتچىلىقنى مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي كەلتۈرۈپ چىقاردى.  

ئىقتىسادتا باھانى ئېھتىياج ۋە تەمىنلەش بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ، مەيلى پايچەك بولسۇن، ئالتۇن كۈمۈش،ياكى تاشقى پېرېۋوت بولسۇن ئوخشاش. خىتاي شىركەتلىرى ئەزەلدىن تۆۋەن باھالىق مال ئىشلەپچىقىرىش، باشقىلارنىڭ تېخنىكىسى ۋە لاھىيسىنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، ئۆزى تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش، ئېلان- تەشۋىقات ۋە ستىش قاتارلىقلارغا ھېچقانداق پۇل سەرپ قىلمايلا بازارنى ئىگىلەپ كەلگەن. خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئۇزۇن يىل ئالاقە قىلىش جەريانىدا جەريانىدا بىلىشىمچە، خىتايلارنىڭ رىقابەت تاكتىكىسى- ئاۋۋال ئۆزى زىيان تارتسىمۇ باھانى چۈشۈرۈپ، يۇقىرى بازار پېيىنى ئىگىلەپ، باشقا رىقابەتچىلىرىنى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن ئاندىن باھانى يۇقىرىلىتىپ بازارنى كونترول قىلىش. بولۇپمۇ چەتئەل، بازىرىغا كىرەلىگەن خىتاي شىركەتلىرى شۇ يول ئارقىلىق بىر –بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ، باھانى ئەسەبىيلەرچە چۈشۈرىدۇ، ئۆزى زىيان تارتىپلا قالماي باشقىلارنىمۇ زىيان تارتىشقا مەجبۇرلايدۇ. چەتئەللەردىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ سودىسىغىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. باھانى ئۈزلۈكسىز چۈشۈرۈپ ئەرزان باھالىق ماللارنى توختىماي تەمىنلەۋاتقان خىتاي بازىرىدا ئاخىرى ناچار ماللارنىڭ ئېشىنچە بېسىلىپ قېلىشى يۈز بەردى.

خىتاي شىركەتلىرى بىر – بىرىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، باشقا دۆلەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگىمۇ ناچار تەسىر كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بازارنىڭ تەمىنلەش ، ئېھتىياج مۇناسىۋىتىگە قارىتا تەڭشەش تەدبىرى قوللانمىدى. ساغلام بىر بازار تەرتىپىنى، باھا مېخانىزمىنى قوغدىمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى، 35 يىلدىن بۇيان يولغا كېلىپ كەلگەن خىتاي شەھەر پۇقرالىرىغا قارىتا بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، ئىككى بالىلىق بولۇشقا ئۆزگەرتىش بولدى. مېنىڭچە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ سىياسەتنى يولغا قۇيۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئىككى نۇقتا ئارقىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن. بىرى، خىتايدا ئەزەلدىن ئاجىز بولغان ياشانغانلار پاراۋانلىق تۈزۈمىگە دۆلەت كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىشنى خالىمايدۇ. ئىستاتسىكىدا كۆرسىتىلىشىچە خىتايدىكى ياشانغانلار سانى 2050 - يىلغا بارغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى ياشانغانلارنىڭ%30تىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىردىن باشلاپ ياشانغانلار سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈنۈش پۇلىسى تاپشۇرغان بولۇپ، يەنە 20 يىلدىن كېيىن بۇلارغا ھۆكۈمەت تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنى ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ، قايتۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن خىتايدا تېخىمۇ كۆپ بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ سۇغۇرتا سېتىۋېلىشى،شۇنداقلا ياش ۋە ئوتتۇرا ياشقا بارغۇچە كۆپرەك ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى، بۇ پۇللار 20 يىلدىن كېيىنكى كىشىلەرگە قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى نۇقتا بولسا، خىتاي بازىرىدىكى ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولغان ئىستېمال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. خىتايلارنىڭ ئىستېمال ئادىتىدە پۇلنى بانكىدا قۇيۇپ كېيىنكى ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ئادەت ئومۇملاشقان، خىتايلارنىڭ كىرىمى ئېشىپ سېتىۋېلىش كۈچى دۇنيادا ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتسىمۇ، ئەمما ئىستېمال سەۋىيىسى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ئىچىدە ئېشىنچا مال بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر، مىڭلارچە شىركەت ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بېسىلىپ قالغان خىتاي ماللىرىنى سېتىپ چىقىرىشنىڭ يەنە بىر يولى نوپۇسنى كۆپەيتىش، كۆپ بالىلىق بولۇشقا يول قۇيۇش ئارقىلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش. بۇ سىياسەت يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن خىتايلارنىڭ ئىككىنچى بالىسى تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ئاتا -ئانىلار تۇغۇلمىغان بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى باشلايدۇ، ۋە ناھايىتى تېز ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەر ئىككى سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ رەزىل ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە سۇغۇرتا ساھەسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى، يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ، نوپۇس، ئېكولوگىيە ۋە يار شارى ئىقتىسادىنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلىدۇ.

 

داۋامى بار.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى