ئىقتىساد

يېڭىلانغان تارىخ: 20.10.2015 02:10:45 يوللانغان تارىخ: 20.10.2015 02:10:45 0 5795

خىتاي كارخانلىرى ئادەم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولماقتا

خىتاينىڭ ئاخبارات تورلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا ئىكەن.

خىتاي كارخانلىرى ئادەم قىسقارتىشقا مەجبۇر بولماقتا

 

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى:

خىتاينىڭ ئاخبارات تورلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا ئىكەن.

ئېلېكترون كەسپىدە چەتئەل مەبلىغىنىڭ چېكىنىشى،ئوراش،مەتبەئە كەسپىدە چەتئەل زاكازغا تەسىر كۆرسەتكەن.ئاياغچىلىق كەسپىدە چەتئەل مەبلىغى ئاساسەن چېكىنىپ بولغان بولۇپ،خىتاي ئىچىدىكى مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان ئاياغ زاۋۇتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تاقالغان.ھاۋا تەڭشىگۈچ كەسپىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق سېتىلىش سوممىسى %27 ئازايغان،كېيىنكى يېرىم يىلدىمۇ ئاساسەن پايدا يوق ئىكەن.

تېز سۈرئەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىدىن گىرىم بۇيۇملىرى ئېھتىياجى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن.

توقۇمىچىلىق كەسپىدە نۇرغۇن كارخانىلار ۋەيران بولغان،كىيىم –كېچەك كەسپىدە ئىچكى –تاشقى قىيىنچىلىق ئېغىر،قۇرۇلۇش،ساپالچىلىق،ئاشخانا،مۇنچا بۇيۇملىرى كەسپىدە مەھسۇلات تۆكمە قىلىنماقتا.

تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تاقىلىشى دولقۇنى كېلەر يىلى ئومۇملىشىدىكەن،ئائىلە جاھازلىرى كەسپىدە ماگناتلار بەس-بەستە ۋەيران بولماقتا.كىچىك زاۋۇتلار ۋەيران بۆلىشى نىسبىتى ئاشماقتا ئىكەن.

كارخانىلار ۋەيران بولۇشىغا ئەگىشىپ ئادەم قىسقارتىش دولقۇنى ئەگىشىپلا كېلىشكە باشلىغان،ئالىي بابا گۇرۇھى نەچچە ئادەمنى قىسقارتقان ھەمدە ئىش ھەققىنى تۆۋەنلەتكەن.

لىيەنشاڭ گۇرۇھى 3200ئادەم قىسقارتقان.ئېنېرگىيە ماگناتى خەننېڭ شىركىتى 2000ئادەم نى قىسقارتقان.

 

جەزبىدار تەييارلىدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى