تارىخ ۋە مەدەنىيەت

يېڭىلانغان تارىخ: 20.10.2015 01:19:10 يوللانغان تارىخ: 20.10.2015 01:17:45 0 3893

مۇجاھىت كاشغەرلى تۈرك خەلقىنى يەنە ھاياجانغا سالدى

مۇراسىمدا تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا ھەر ساھە بويىچە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇنتۇلماس تۆھپىىلەرنى قوشقان 10 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ خەلق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، باش ئەلچىلەر ۋە شەھەر باشلىقلىرى مۇكاپاتلاندى

مۇجاھىت قەشقىرى تۈرك خەلقىنى يەنە ھاياجانغا سالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى (Türksоy) بىلەن يىپەك يولى ژۇرنىلى ۋە يىپەك يولى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 12 - نۆۋەتلىك (يىلنىڭ ئالتۇن ئادەملىرى مۇكاپاتى) مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلدا گونەن مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقى ۋە مېھمانلارنىڭ قىسقىچە لېكسىيەلىرىدىن كېيىن، تۈركىيەدىن شۇنداقلا 10 غا يېقىن دۆلەتتىن تاللانغان تۆھپىكار شەخسلەرگە بىر - بىرلەپ مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

مۇراسىمدا تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا ھەر ساھە بويىچە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇنتۇلماس تۆھپىىلەرنى قوشقان 10 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ خەلق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، باش ئەلچىلەر ۋە شەھەر باشلىقلىرى مۇكاپاتلاندى.

مۇراسىمدا، مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن تۆھپىكار شەخسلەرنىڭ ئىش - ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان فىلىم كۆرسىتىلدى.

مۇراسىمدا يەنە، تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

مۇراسىمغا، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئوماق ئاۋازى» دەپمۇ تونۇلغان 8 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىت كاشغەرلىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

8 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىت كاشغەرلى مۇھاجىرەتتىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ «مەن تۇركىستان پەرزەنتىمەن، سادالىرىم ئىچىمگە پاتمايدۇ» ناملىق شېئىرى بىلەن «بىز كىملەر؟» ناملىق شېئىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتىسيە قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يىپەك يولى ژۇرنىلى ۋە يىپەك يولى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات جەمئىيىتى باشلىقى سەيفۇللاھ تۈركسۆي ئەپەندى شۇ كۈنى فەيسبۇك ۋە تۋتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر پەرزەنتى كىچىك مۇجاھىتنىڭ رەسىمىنى ئورتاقلىشىپ، تۆۋەندىكى تەسىراتلىرىنى يازدى:

«يىپەك يولى <يىلنىڭ ئالتۇن ئادەملىرى مۇكاپاتى> مۇراىسىمىمىزدا دېكلاماتسىيە قىلغان تەسىرلىك شېئىرلىرى ئارقىلىق يىغىن زالىنى ئۇيغۇر ھاياجانىغا چۆمدۈرگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كىچىك ئارسىلانى مۇجاھىت كاشغەرلى پەرزەنتىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن سۆيىمەن ۋە رەخمىتىمنى ئېيتىمەن.»

 

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى