ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.10.2015 13:13:41 يوللانغان تارىخ: 04.10.2015 13:13:41 0 21176

شىۋېتسىيە يېڭى پۇل چىقاردى

يىڭى ئەۋلاد نۇسخىسى بېسىپ چىقىرىلغان قەغەز پۇللارنىڭ ئەسلىدىكى كونا نۇسخىلىرى، شۇنداقلا 500 كورونلۇق ۋە 1000 كورونلۇق كونا قەغەز پۇللار، 2017- يىلغا قەدەر كۈچكە ئىگە ئىكەن

شىۋېتسىيە يېڭى پۇل چىقاردى

1- ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن شىۋېتسىيە مەركىزى بانكىسى شىۋېتسىيەنىڭ 4 نۇسخا يىڭى ئەۋلاد قەغەز پۇللىرىنى تارقىتىشنى تۈنجى قەدەمدە يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: شىۋېتسىيەنىڭ كەلگۈسى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا قوللانماقچى بولغان يىڭى ئەۋلاد قەغەز پۇللىرى، ئىلگىرى شىۋېتسىيە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلگەن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە، 20 كورونلۇق، 50 كورونلۇق، مىڭ كورونلۇق، مېھرى ئىللىق قەغەز پۇللارنىڭ يىڭى ئەۋلاد نۇسخىسى، قۇشۇمچە يېڭىدىن لاھىيىلەپ چىقىرىلغان 200 كورونلۇق قەغەز پۇللارنى تەشكىل قىلىدىكەن.
تارقىتىلىدىغان مەزكۇر يىڭى ئەۋلاد قەغەز پۇللار، تەقلىد قىلىنىش، كۆچۈرۈپ بېسىلىش، قاتارلىق پۇل ساختىلىقى خىرىسلىرىغا قارشى مۇكەممەل ئالى تېخنىكىلىق مەلۇماتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، مەزكۇر يىڭى ئەۋلاد پۇللار ئۇشبۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىستېمالچىلارنى تولۇق خاتىرجەم قىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە: يىڭى ئەۋلاد نۇسخىسى بېسىپ چىقىرىلغان قەغەز پۇللارنىڭ ئەسلىدىكى كونا نۇسخىلىرى، شۇنداقلا 500 كورونلۇق ۋە 1000 كورونلۇق كونا قەغەز پۇللار، 2017- يىلغا قەدەر كۈچكە ئىگە ئىكەن.

كەڭ ئىستېمالچىلار، ئۆزلىرى ھەميان ۋە گىلەم ئاستىدا نەخ ساقلاۋاتقان پۇللارنى بەلگىلەنگەن مۇددەت توشۇپ كېتىشتىن ئاۋۋال ۋاقتىدا بانكىغا بېرىپ يىڭى پۇلغا ئالماشتۇرۇۋېلىشى لازىم!

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى