خىتاي پاي بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى قولغا ئالدى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئىقتىساد

يېڭىلانغان تارىخ: 17.09.2015 00:39:12 يوللانغان تارىخ: 17.09.2015 00:39:12 0 21189

خىتاي پاي بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى قولغا ئالدى

خىتاي پاي چېكى ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسلەردىن بىرى قانۇننى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىندى.

خىتاي پاي بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى قولغا ئالدى

 

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى:

خىتاي پاي چېكى ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسلەردىن بىرى قانۇننى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىندى.

خىتاينىڭ پايچېكى بازىرىدىكى ئەڭ ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن بۇ ۋاقىتلاردا خىتاي مەركىزى پايچەك نازارەت ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ ياردەمچىسى، خىتاي پايچەك نازارەت ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى جاڭ يۈجۈننىڭ خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرى دىققەت قوزغىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىراق، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جاڭ يۈجۈننىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېتاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. ئەمما، ب ب س مۇخبىرى، جاڭ يۈجۈننىڭ ئىسمىنىڭ يەنىلا پايچېكى نازارەت ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى تىزىملىكىدە بارلىقىنى سەزگەن.

بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن جاڭ يۈجۈن قانۇنشۇناسلىق ۋە ئىقتىسادشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى پەننىڭ دوكتورى بولۇپ، 2012-يىلى 8-ئايدا مەزكۇر ئورگاننىڭ پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، شۇ يىلى 9-ئايدا خىتاي پايچېكى نازارەت ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى رەئىسىنىڭ ياردەمچىسىلىك ئورنىغا ئۆستۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پايچېكى بازىرىدىكى قاتتىق چۈشۈش ۋەقەسى خىتاي پۇل-مۇئامىلە، جۈملىدىن سودا-ئىقتىساد ساھەسىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.ھەمدە نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىنادىن سەكرەشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ خىتايدا قاتتىق روھى ۋە ئىقتىسادى بېسىم پەيدا قىلغان پەيىتتە ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارنى جازالاش ئارقىلىق پاي بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئامال ئىزداۋاتقانلىقى ئوتتۇرغا چىقماقتا.

 

ئىھسان تەييارلىدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش