خىتايدا بانكا پايلىرى يەنە %7 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئىقتىساد

يېڭىلانغان تارىخ: 08.09.2015 03:29:32 يوللانغان تارىخ: 08.09.2015 03:29:32 0 21089

خىتايدا بانكا پايلىرى يەنە %7 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى

بۈگۈن خىتايدا ئەتىگەنلىك بازاردا ئىككى پاي بازىرىنىڭ پاي كۆرسەتكۈچى بىر مەھەل تېز ئۆسكەندىن كېيىن يەنە تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈپ تۈنۈگۈنكى ھالىتىگە قايتتى.

 

خىتايدا بانكا پايلىرى يەنە %7 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى

 

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى:

بۈگۈن خىتايدا ئەتىگەنلىك بازاردا ئىككى پاي بازىرىنىڭ پاي كۆرسەتكۈچى بىر مەھەل تېز ئۆسكەندىن كېيىن يەنە تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈپ تۈنۈگۈنكى ھالىتىگە قايتتى.

شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى ئەتىگەنلىك بازاردا 3217 نۇقتا ئەتراپىدا تەۋرەندى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئىككى قېتىم 3196 نۇقتىغا چىققاندىن كېيىن، يەنە 3100 نۇقتىغا قايتىپ چۈشتى، چۈشتىن كېيىن بازار يېپىلغانغا قەدەر شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى مۇشۇ نۇقتىدا تەۋرەندى ۋە ھېچقانداق قوللاشقا ئېرىشەلمىدى. ئىلگىرى پاي كۆرسەتكۈچىنى قوغداش رولىنى ئويناۋاتقان بانكا، سۇغۇرتا ۋە پۇل مۇئامىلە پايلىرى بۈگۈن زىيان تارتقۇچىلارنىڭ بىرىنچى سىپىدە تۇردى.

كەسىپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سۇغۇرتا، بانكا پايلىرى ئەڭ كۆپ چۈشتى، سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ پاي چېكى باھاسى ئەڭ كۆپ چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %8 تىن ئاشتى. چۈشتىن كېيىن بانكا پايلىرى يەنە ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ، بازار يېپىلغاندا ئوتتۇرچە چۈشۈش نىسبىتى %6.72 گە يەتتى. بازار يېپىلغاندا ئىككى بازاردا يەنە 500 دىن ئارتۇق خۇسۇسىي پاي چۈشۈپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 36 پاي چۈشۈشتىن توختىدى.

 

ئىھسان تەييارلىدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش