ئۇچۇرلار

يېڭىلانغان تارىخ: 07.09.2015 02:15:30 يوللانغان تارىخ: 07.09.2015 02:15:30 0 4472

ھۆسەيىن قارى ئىسلامى ئالەمدىن ئۆتتى

ھۈسەيىن قارى ئىسلامىي 2015- يىلى 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى كەچتە جىددە شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۆنۈم بەرمەي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى

ھۆسەيىن قارى ئىسلامى ئالەمدىن ئۆتتى

سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر بۈيۈكلىرىمىزدىن ھۈسەيىن قارى ئىسلامىي     2015- يىلى 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى كەچتە جىددە شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۆنۈم بەرمەي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

ئىگەللىنىشىچە، ۋەتەنپەرۋەر ھۈسەيىن قارى ئىسلامى  1918 – يىلى ئاستىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئەينى زاماندا ئۇيغۇر مائارىپ ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىسى بولغان مۇھەممەد تەۋپىق ئەپەندىدە دەرس ئوقۇغان. 1937 – يىلى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندا، خىتايغا قارشى سىياسىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن گۇمان بىلەن جاللات شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ 2 يىل ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە قاماققا ئېلىنغان.

تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن غۇلجىغا كۆچۈپ بېرىپ ئۈچ ۋىلايەت ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان.     1949 – يىلى خىتاي كوممۇنىست دىكتاتۇرلىرى شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىۋالغاندا سەئۇدىي ئەرەبىستانغا ھىجرەت قىلىپ كېلىپ جىددە شەھىرىگە ئورۇنلاشقان ئىكەن. مەرھۇمنىڭ بۇ يىل 98 ياشقا كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جانابىي ئاللاھ مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغان، ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي. ئائىلە باللىرى ۋە يېقىن دوستلىرىغا سەبىر ئاتا قىلغاي.

مەنبە:ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى