ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 05.09.2015 03:26:03 يوللانغان تارىخ: 05.09.2015 03:26:03 0 13997

مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى كۈز مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى رەسمىي باشلىدى

بالىلارنىڭ يېشى ۋە تىل مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە قاراپ بىرىنچى، ئىككىنچى گۇرۇپ قىلىپ ئىككى گۇرۇپقا ئايرىلىپ بالىلارغا

‏مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى كۈز مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى رەسمىي باشلىدى

‏مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى مىللىي ۋە دىنىي رۇھقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ۋە دىنىي ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەكتەپ تەسىس قىلىپ بالىلارنى تەربىيىلەپ كەلمەكتە. جۈملىدىن شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 2006- يىلىدىن باشلاپ پەرزەنتلەرنىڭ دىنىي ۋە ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن ( مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى ) نامىدا ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ بالىلارغا تەلىم- تەربىيە بېرىپ كەلمەكتە.
‏مەلۇم بولۇشىچە: مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلغاندىن بېرى ھەريىلى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ئىككى مەۋسۈم قىلىپ بالىلارنى تەربىيلەپ كەلگەن ئىكەن.
‏مەكتەپ يەنە، ئوقۇش مەزگىلىدە بالىلارنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ مەدەنىيەتلىرىدىنمۇ مەلۇماتلىق قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل كۆرگەزمىخانا، كۈتۈبخانا، مەسجىت قاتارلىق ئورۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ بالىلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
‏مەزكۇر ئانا تىل مەكتىپى، بۇ يىللىق كۈز مەۋسۈملۈك ئوقۇشىنى 2015- يىلى 05- سىنتەبىر شەنبە كۈنى رەسمىي باشلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مەۋسۈمدە ئوقۇشقا تىزىملىتىلىدىغان بالىلار 5 ياشتىن 11 ياشقىچە ئىكەن.
‏مەلۇم بولۇشىچە: بالىلارنىڭ يېشى ۋە تىل مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە قاراپ بىرىنچى، ئىككىنچى گۇرۇپ قىلىپ ئىككى گۇرۇپقا ئايرىلىپ بالىلارغا ماس قەدەمدە دەرس ئۆتۈلىدىكەن.
‏ۋەتەندە ئالى مەكتەپ مەلۇماتىنى ئالغان زىيالىيلاردىن نەبىجان ئەلا، مەكتەپتە بالىلارغا ئانا تىلدا دەرس بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن.
‏مەلۇم بولۇشىچە يەنە: مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، بۇ قېتىمقى يېڭى مەۋسۈمدە بالىلارنىڭ دەرس ۋاقتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر سائەت ئۇزارتىلغان بولۇپ، دەرس ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە ئانا تىل، 12:00 دىن 13:00 گىچە چۈشلۈك تەنەپۇس، 13:00 دىن 15:00 گىچە دىندىن ئۆتۈلىدىكەن.
‏تەييارلىغۇچى: پىداكار

كىنىشكە: تەلىم- تەربىيە
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى