ئۇچۇرلار

يېڭىلانغان تارىخ: 04.09.2015 23:23:29 يوللانغان تارىخ: 04.09.2015 23:23:29 0 6002

ياپۇنيەدىكى پەلسەپە دوكتۇرى-مۇختەرجان ئابدۇراخمان

مۇختەرجان بوۋىسىدىن پەخىرلىنەتتى. مومىسىدىن سۆيۈنەتتى. مۇقام ئېيتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلمىي سۆھبەتلەر كۆپ ئىدى. شۇڭلاشقا مۇختەرجان ئېسىل جەمەت ئارىسىدا ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى.

ياپۇنيەدىكى پەلسەپە دوكتۇرى-مۇختەرجان ئابدۇراخمان

 

مۇختەرجان ئابدۇراخمان 1972-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيىسى، ئاچال يېزىسى تۇرا كەنتىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بوۋىسى ئابدۇرەشىت ئەئىئەلەم ئاخۇنۇم ئاچال يېزىسىدا تۇنجى پەننىي مەكتەپنى ئاچقان كىشى، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان كاتتا دىنىي ئالىم ئىدى. مۇختەرجاننىڭ مومىسى مەرەمنىساخان ئۇنىڭغا بوۋىسىدىن قالغان بارلىق دىننىي ۋە پەننىي كىتابلارنى قالدۇردى. مانا بۇ مىراس ۋە ۋەسىيەت ئۈمىد سۈپىتىدە بوۋىسىنىڭ تارىخىي كەچمىشى بىلەن قوشۇلۇپ مۇختەرجانغا روھىي مەشئەل ۋە بىباھا خەزىنە قالدۇرغان ئىدى. بۇ مىللىي بۇرج، ئۆزلۈك ئېڭى، جاسارەت، قەتئىي ئىرادە، ۋە توختاۋسىز تىرىشىشدىن دېرەك بەردى ۋە نىشانە بولدى.

مۇختەرجان بوۋىسىدىن پەخىرلىنەتتى. مومىسىدىن سۆيۈنەتتى. مۇقام ئېيتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلمىي سۆھبەتلەر كۆپ ئىدى. شۇڭلاشقا مۇختەرجان ئېسىل جەمەت ئارىسىدا ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. سەنئەتكارلىق، دىنىي ئالىملىق ۋە ئارىفلىق مۇختەرجان جەمەتىنىڭ دائىملىق، تىپىك ئالاھىدىلىكى ئىدى (ئارىف دېگەن سوزنى بۇرۇن بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىزمۇ ماقالىلىرىدە ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇ پەلسەپەۋى ئويغىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، ئۇزۇل-كېسىل ماھىيەتلىك ئويغىنىش دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ-مۇختەرجان). مۇختەرجان مەرىپەت ۋە ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، شۇ ئاساستا دۇنياۋى سەھنىلەردە چاقناشنى ئارزۇ قىلاتتى. دادىسى ، ئانىسى ، بوۋىسى، مومىسى ئۇنىڭدىن كاتتا ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى . ئۇنىڭغا سەن قىلالايسەن بالام دەيتتى. ئون-ئىككى مۇقامنى مۇختەرجان ئۆزىنىڭ ئاشۇ جەمەتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئاڭلايتتى. ئۇ قاتتىق ھەيرانلىق، كۈچلۈك ئىنتىلىش، ۋە قاتتىق ئىرادە ۋە چىداملىق روھىدا سۇغۇرۇلۇپ باشلانغۇچنى پۈتتۈردى . ئەلۋەتتە، سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئورۇن ئالغىنى مۇختەرجان ئىدى. باشلانغۇچ ھاياتىدا ئۆگەنگەن نەرسىلىرى پۈتۈنلەي ئۆز بىلىمىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. مۇختەرجان تولۇقسىزغا ئۆرلەپ ئوقىدى. ھەيرانلىق ، قىزغىنلىق ۋە كۈچلۈك چاڭقاقلىق ئىچىدە 3 يىلنى تاماملىدى. ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنيالىرى بارغانچە ئۆزگىرىۋاتاتتى. ئۇ قانمايتتى ، ھارمايتتى، ۋە ئىنتىلەتتى. ئۇ تەبىئى پەنلەرنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگىنەتتى، تەدبىقلايتى، ۋە تەجرىبە قىلاتتى. تەئەججۈپ ۋە ئىلىمگە بولغان ئىشەنچ ئۇنىڭ دائىملىق روھىيەت خاسلىقى ئىدى. ئۇ ئىجتىمائى پەنلەرنى دۇنياغا تەدبىقلاپ ، تەھلىل قىلىپ، پۈتۈنلەي ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش شەرتى ۋە ئەركىن قوللىنىش سەۋىيەسىدە تاماملىدى. لېئىكىن قانائەت قىلىش ئۇنىڭغا ئەسلا يات ئىدى.

مۇختەرجان تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپكە كىردى. ئەمدى ئاتا-ئانىسىنى ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيگە قايتاتتى. كۈچلۈك بالىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ 1- بولۇش ۋە ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى ، يەنى پۈتۈن بىلىملەرنى تۇرمۇشتا ئىشلىتىشنى ئۇ ئۆزىگە خاس بىر ئۆلچەم قىلاتتى. كەلپىن ناھىيىسىدە پەقەت بىرلا تولۇق ئوتتۇرا بار ئىدى. دوستلار ئارا قاتتىق رىقابەت قىلىشاتتى. ھەمكارلىشىپ ئۆگىنەتتى. مۇختەرجان ئەنە شۇ چاغلاردىكى ئەزىز دوستلىرىغا چەكسىز مىننەتدارلىغىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار مۇختەرجانغا كۈچ -قۇۋەت ۋە دوستلۇق، مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى. ئۇلار بىلەن بىللە نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتنى يەڭدى. 1992-يىلى 8-ئايدا مۇختەرجان شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. شۇنىڭ بىلەن خەيىر - خوش، كەلپىن! دەپ، ئۈرۈمچىگە كەلدى.

1992-يىلى 9-ئايدا رەسمىي ئوقۇش باشلاندى. مۇختەرجان ئىزدېگەن كىتاپ، جورنال، كۈتۈپخانا مۇھىتى، قىسقىسى ھەممە نەرسە ئاساسەن تەل ئىدى . ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى، ئۇيغۇر پەنلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئەڭ چوڭقۇر سەۋىيەدە ئۆگەندى. 1993-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىر، نەسىر ، داستان ، ۋە ماقالە-ئەسەرلىرى گېزىت ،جورناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. مەكتەپ مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. 1993-، 1994- ۋە 1995-يىللىرى ئۇنىڭ نەزىرىدە پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتتى. بىر تۈركۈم ئاۋانگارت ياشلار چىقىۋاتاتتى. ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ تەشكىللىنەتتى. ئۇ چاغدىكى ستۇدېنتلار ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە رېئال مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق مۇنازىرە قىلىش سورۇنى، يەنى سالون تەشكىللەپ، بىر مەيدان ئۆزىنى ئىزدەش ھەرىكىتىگە ساھىپ بولدى. مۇختەرجان ئەرەب تىلىدىن كۇرس ئاچتى . يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بىلەن بىللە ئىنتايىن ياخشى مۇھىتتا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى .

1997-يىلىغىچە مۇختەرجاننىڭ 200 پارچىغا يېقىن ئەسىرى يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى.

بەش يىل جەريانىدا ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ئۆگىنىش ، ئىزدېنىش، سىناق قىلىش، ۋە تەشكىلىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئۆزىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئەڭ ئاساسىي بىلىم ۋە ئىقتىدارلىرىنى ھازىرلاپ، كەلگۈسىدىكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىنى قۇردى.

1997-يىلى 9-ئايدا مۇختەرجان ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 31-ئوتتۇرا مەكتەپكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشتى. ئۇ شۇ يىلدىن باشلاپ مەخسۇس ئىلمىي ئەسەرلەرنى مۇنتىزىم يېزىشقا كىرىشتى. ئۇنىڭ ئوبزور، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە ئائىت ماقالىلىرى ۋە ئايرىم شېئىرلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇردى.

1999-يىلى ئۇزۇن يىللىق پەلسەپىلىك ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ، مۇختەرجان ئۆزىنىڭ خاس پەلسەپە ئەسىرى ھالقىش نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقات قاتلاملىرى نى پۈتتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇختەرجاننىڭ ماقالىلىرى ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى قاتارلىق كەسپىي ئىلمىي جورناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپىسى ۋە ئۇيغۇرلاردا ئىستراتېگىيە ئېڭى ناملىق ئەسىرى مۇختەرجاننى ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. يەنى، ئۇيغۇرلار پەلسەپىۋىي سىستېمىلارنى تولۇق بىلىشى ۋە ئۆز رېئاللىقى ئۈچۈن ئىشلىتەلىشى كېرەك ئىدى. رېئاللىقىمىز بولسا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىش مۇتلەق زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە مۇختەرجاننىڭ ھالقىش پەلسەپىسى ناملىق ئەسىرىدە قارار چىقىرىۋاتاتتى. مۇختەرجان ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئەڭ ساپ جەۋھەر سۈپىتىدىكى پەلسەپە سىستېمىسى غا ئەگەشتى. ئۇنىڭ ماقالىلىرى شىنجاڭ گېزىتى ، ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، تۇرپان جورنىلى، تارىم، شىنجاڭ ياشلىرى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قېلىنىۋاتاتتى. 2005-يىلى 3-ئاينىڭ نورۇز كۈنلىرى مۇختەرجان ئىلمىي مۇدىرلىق، تولۇق 3-يىللىقنىڭ سىنىپ مۇدىرلىقى ، ۋە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئاشۇ مەكتەپ ۋە ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تاشلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ، ۋە مۇختەرجاننىڭ خىزمەتداشلىرى ئىچىدە كۆز يېشى قىلىۋاتقانلارمۇ بار ئىدى. ئىككى ئايدىن كېيىن مۇختەرجاننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان قەدىرلىك ئوقۇغۇچلىرىنىڭ ھەممىسى يىغلاشتى. مۇختەرجاننىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇن-تىنسىز يىغلاپ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى. (مۇختەرجان مۇشۇ قۇرلارنى كومپيۇتېردا يېزىۋاتقاندا ئۆزىمۇ كۆز يېشى قىلدى.) ئۇ ئۆز-ئۆزىگە بالىلىرىم مېنى كەچۈرۈڭلار! مەن ئۈمىدىڭلارنى چوقۇم ئاقلاشقا ۋەدە بېرىمەن. مەن سىلەرگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك. ۋەتەنگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك! دېدى.

   2005-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇختەرجان ياپونغا كەلدى. ھازىر ئۇنىڭغا توپ-توغرا 10 يىل بولدى.

مۇختەرجان 2006-يىلى بىر ياپون تىلى مەكتىۋىگە كىردى. 2007-يىلى 4-ئايدا ئۇزاق مۇدددەتلىك ئارزۇ، پىلان، ۋە بىر بۈيۈك ئارمان بىلەن ياپونىيە كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپى تەييارلىق ئوقۇشىغا كىردى . بەش ئايدىن كېيىن ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى. سەۋەبى، بۇ يەردە دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمقى پەلسەپە ئەسەرلىرىنىمۇ ئەسلى تېكىستى بويىچە ئوقۇشقا، ۋە تەتقىق قىلىشقا بولاتتى. پۈتۈنلەي ئەركىن ، مۇتلەق پاكىز ئىلمىي ھاۋادا ئىلىم تەھسىل قىلىشمۇ مۇمكىن ئىدى. مۇختەرجان ئۆز-ئۆزىگە مەن ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆپ پەلسەپە سىستېمىسىنى ئېلىپ قايتىشىم كېرەك! دەيتتى. ۋاقىت ئىنتايىن تېز ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى. 2011-يىلى مۇختەرجان ئەنگىلىيە سىياسەت پەلسەپە ساھەسىدىكى مەخسۇس تېما كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردە پارلامېنتلىق تۈزۈم ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى پۈتتۈردى. ھەمدە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى .

مۇختەرجان 2011-يىلى 4-ئايدا ئىمتىھانسىز ھالدا دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى.

ئۇنىڭدىن كېيىن مۇختەرجاننىڭ پروفېسسورلىرى قاتناشقان بىر يىغىندا بىر يېڭى پەلسەپە سىستېمىسى يارىتىش، ياپونغا خاس بىر يېڭى ساھەنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش نىشانى قارار قىلىندى. ئۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك پەلسەپەسىنىڭ ئورگىنال سىستېمىسى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

مۇختەرجان ئابدۇراھمان ياپونىيەدىكى داڭلىق جامائەت ئەرباپى، پەيلاسوپ، سىياسىي-ئىقتىسادشۇناس فۇجى گەمۇكى ئەپەندى بىلەن بىللە. فۇجى ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ ئەجرى سىڭدۈرگەن كىشى بولۇپ، ناھايىتى پازىل ئادەم. ئۇ ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇزۇن يىل پروفېسسور بولغان.

بۇ ئۇيغۇر مىللىتىگە كېلىۋاتقان بىر تېپىلماس پۇرسەت ئىدى. مۇختەرجان يۇقىرىدىكى ئىشنى ئەنە شۇنداق چۈشەندى. شۇندىن كېيىن ھازىر ياپونىيە پەلسەپە ساھەسىدە ئۇيغۇر پەلسەپەسى يېڭى ۋە كىلاسسىك پەن سۈپىتىدە ئىلىم ساھاسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتاتتى. مۇختەرجان ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ پاكىز، ئەڭ پازىل، ۋە ئەڭ كامىل روھىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىلاسسىك پەلسەپە سىستېمىسىنى يارىتىشقا ئالدىراۋاتاتتى. بۇ ئىشلار ھازىر پەلسەپە ساھەسىدە قاتتىق ھاياجان ۋە قايىللىق قوزغاۋاتاتتى. ئىلىمىي مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر بۈيۈك تېما بولىۋاتاتتى. ئۇيغۇرلار پەلسەپىۋىي مىللەتكە خاس چوڭقۇرلۇققا، كەڭلىككە، كىلاسسىك ئورگىنال سىستېمىغا ئىگە ئىدى. مۇختەرجان بۇنى ئىسپاتلاپ، ئىلمىي ماقالە ئوقۇۋاتاتتى.

مۇختەرجان ئابدۇراخمان 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىي تەتقىقاتچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ ئۇيغۇر پەلسەپىسى ھەققىدىكى ئىلمىي تاتقىقات سىستېمىلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە. مۇختەرجان ھازىر ئۇيغۇر پەلسەپەسى ۋە غەرپ پەلسەپەسى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن خوشاللانماي، مۇختەرجان ئۇكىمىزدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.

مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەر تىزىملىكى:

1. 2012-يىلى 9-ئايدا ، قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۇيغۇر دۆلەتچىلىگى، كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلدى.

2. 2013- يىلى 5-ئايدا، ياپونىيە دۆلەتلىك پەلسەپە ئىلمىي جەمئىيىتى،قۇتادغۇبىلىكتىكى تەبىئەت پەلسەپە ئىدىيەسى ئوقۇلدى.

3. 2013- يىلى 9-ئايدا، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك پەلسەپەسى ۋە قۇتادغۇبىلىك، پەلسەپە ئىلمىي ماقالىلىرى ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى.

4. 2013-يىلى 10-ئايدا ياپونىيە دۆلەتلىك ئىتىكا@ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ئوقۇلدى.

5. 2013-يىلى 12-ئايدا غەربىي ياپونىيە پەلسەپە ئىلمىي جەمئىيىتى پەلسەپە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غايىۋى دۆلەتچلىكى ئوقۇلدى.

6. 2014- يىلى 6-ئايدا ياپونىيەدۆلەتلىك پەلسەپە ئىلىمىي جەمئىيىتىدە قۇتادغۇبىلىكتىكى قانۇن پەلسەپەسى ئوقۇلدى.

7. 2014-يىلى 8-ئايدا ،يىپەك يولى زھورنىلىدا قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۇيغۇر پەلسەپە سىستېمىسى ئېلان قىلىندى.

8. 2014- يىلى 9-ئايدا قۇتادغۇبىلىكتىكى بىلىش نەزەرىيەسى كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلدى.

9. 2014-يىلى 12-ئايدا فارابىنىڭ غايىۋى دۆلەت پەلسەپەسى ناملىق ماقالە پەلسەپە ئىللمىي ماقالىلىرى 50 يىللىق خاتىرە سانىدا 1-ماقالە بولۇپ تاللاندى ۋە ئېلان قىلىندى.

10. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ياپونىيە دۆلەتلىك پەلسەپە ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ 74- قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر پەلسەپەسى ھەققىدە فارابىنىڭ تەبىئەت پەلسەپەسى ئوقۇدى،ھازىر دوكتۇرلۇق ماقالىسى پۈتۈپ،ئىلگىرىكى پىراپفۇسۇرنىڭ پىكىرى بېرىش باسقۇچىدا ،يېقىندا يازما شەكىلىدە ماقالىسىنى يىتەكچى پىراپفىسۇرغا سۇنۇلماقچى.

بىز ئاخىردا مۇختەر ئابدۇراخماننىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە ئۇتۇقلۇق،تېنىگە سالامەتلىك ،ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمىز.

 

مەنبەسى:ئىستىقلال تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى