يەر شارى ئىقتىسادىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلمەكتە | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئىقتىساد

يېڭىلانغان تارىخ: 04.09.2015 23:01:18 يوللانغان تارىخ: 04.09.2015 23:01:18 0 19776

يەر شارى ئىقتىسادىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلمەكتە

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 2- سېنتەبر ئېيتىشىچە، يەر شارى ئىقتىسادى يەنىلا چۈشۈش خەۋپىگە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، ناۋادا بۇ خەۋپلەر ئۈستى-ئۈستىگە كېلىۋەرسە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسر كۆرىسىتىشى مۇمكىنكەن

يەر شارى ئىقتىسادىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلمەكتە

 

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى:

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 2- سېنتەبر ئېيتىشىچە، يەر شارى ئىقتىسادى يەنىلا چۈشۈش خەۋپىگە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، ناۋادا بۇ خەۋپلەر ئۈستى-ئۈستىگە كېلىۋەرسە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسر كۆرىسىتىشى مۇمكىنكەن.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلات مۇشۇ ھەپتە ئېچىلغان20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە باشلىقلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى يىغىنى ئۈچۈن تەييارلانغان بىر پارچە دوكلاتتا مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمدا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدىكىدىن ئاستا بولدى، بۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەردە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەردىكى ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنىڭ يەنىلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

خەلقئارا پول فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، نېفىت باھاسنىڭ چۈشۈشى تەسىردىن بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەردىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە سەل ئىلگىرىلەش كۆرۈلىدىكەن. ئەمما يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەردىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىنكەن. چوڭ تاۋارلار باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ۋە ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ ئۆسۈش مۆلچەرى ۋە ئۇنىڭ كارخانا قەرزىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، كاپىتالىنىڭ چېگرا سىرتىغا ئېقىپ كېتىشى ۋە پۇل قىسلىقى قاتارلىقلار يۇشۇرۇن خەۋپلىك ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.دوكلاتتا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادى گەۋدىلەر بوش پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغان مالىيە سىياسىتىنى قوللىنىشى كېرەك، بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ سىياسەت قوللىنىش بوشلۇقى چەكلىك، شۇڭا ئۇلار ئىقتىسادنىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خەۋىپ-خەتىرىنى كونتورل قىلىشنى تەڭپوڭلاشتۇرۇپ توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك.20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە باشلىقلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى يىغىنى 9- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە ئېچىلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىغىننىڭ تېمىسى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى، چوڭ تاۋارلار باھاسى ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى تەۋرىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 

جەزبىدار تەييارلىدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش