خىتاي پاي كۆرسەتكۈچى يەنە %3 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

ئىقتىساد

يېڭىلانغان تارىخ: 31.08.2015 03:07:27 يوللانغان تارىخ: 31.08.2015 03:07:27 0 21603

خىتاي پاي كۆرسەتكۈچى يەنە %3 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى

بۈگۈن خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە شىنجىدىكى ئىككى پاي بازىرىدا بازار باشلىنىشى بىلەنلا پاي كۆرسەتكۈچى چۈشۈككە قاراپ ماڭدى، شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى

پاي كۆرسەتكۈچى يەنە %3 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى

 

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى:

بۈگۈن خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە شىنجىدىكى ئىككى پاي بازىرىدا بازار باشلىنىشى بىلەنلا پاي كۆرسەتكۈچى چۈشۈككە قاراپ ماڭدى، شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى بىر مەھەل %3 تىن كۆپ چۈشۈپ، 3100 نۇقتىغا قىستاپ كەلدى، كېيىن تۆۋەن نۇقتىدىن تەۋرىنىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى.

چۈشتە بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى 3148.04 نۇقتىغا چۈشۈپ، ئەتىگەندىن بېرى 84.27 نۇقتا چۈشۈپ كەتتى، يېرىم كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتى %2.61 بولدى؛ شىنجىن پاي كۆرسەتكۈچى 10541.96 نۇقتىغا چۈشۈپ، ئەتىگەندىن بېرى 258.04 نۇقتا چۈشۈپ كەتتى، يېرىم كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتى %2.39 كە يەتتى؛ يېڭىلىق يارىتىش تىپتىكى پاي كۆرسەتكۈچى 2017.85 نۇقتىغا چۈشۈپ، ئەتىگەندىن بىرى 64.27 نۇقتا چۈشۈپ، يېرىم كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتى %3.09 كە يەتتى.

كەسىپ نۇقتىسدىن قارىغاندا، چۈشتە بازار يېپىلغانغا قەدەر ئاۋىئاتىسيە ۋە نېفىت پايلىرى %1.5 ئەتراپىدا ئۆسكەن بولسىمۇ ئەمما تېلېگراف، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش، ئاكسىيە، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش تۈرىدىكى پايلار ئەڭ كۆپ چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %4.5 ئەتراپىدا بولدى.

 

جەزبىدار تەييارلىدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش