مائارىپ

يېڭىلانغان تارىخ: 29.08.2014 07:29:07 يوللانغان تارىخ: 29.08.2014 07:29:07 0 6116

خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتىيازلىق تەتىلنى ۋاقتىنچە ئويلاشمىدى

مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى بولغاچقا، بالىلارنىڭ دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ دىندىن تەلىم ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يۇقىرىقىدەك باھانىنى ئويلاپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتىيازلىق تەتىلنى ۋاقتىنچە ئويلاشمىدى

خىتاي خەلق تورىدا بېرىلگەن خەۋەرگە كۆرە: خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتىيازلىق تەتىل قويۇپ بېرىش ياخشى ئوي، لېكىن بۇنى دەرھال يولغا قويۇش قىيىن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئازىيىپ كەتسە، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا تەتىلنى تەڭشەشتە دەرسلىك، ئىمتىھان پىلانى، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى بىلەن قانداق جىپسىلاشتۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك، بۇ بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن مائارىپ تارماقلىرى لايىھىنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ تەتقىق قىلىشى كېرەك، دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق دەم ئېلىشى بىكار قىلىشنى ئويلاشقانلىقى ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ دەرستە چېكىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ياكى دەرس ۋاقتىنىڭ ئازلىقى سەۋەبلىك بالىلارنىڭ دەرستە ئىلگىرلىشىشىگە تەسىر يېتىدۇ دېيىش سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرلىرىنىڭ بالىلارنى دەم ئېلىش ۋاقىتلاردىمۇ مەكتەپكە يىغىۋېلىشى، بالىلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ ئىلگىرلىشىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى بولغاچقا، بالىلارنىڭ دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ دىندىن تەلىم ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يۇقىرىقىدەك باھانىنى ئويلاپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى