ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.09.2014 13:35:25 يوللانغان تارىخ: 28.08.2014 15:29:23 0 6331

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن 32 ھەرىپلىك ئۇيغۇرچە ئېلىپبە

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن 32 ھەرىپلىك ئۇيغۇرچە ئېلىپبە

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن چوڭ ھەجىمىلىك يەنىA1 لىك84X59 چوڭلۇقتا تامغا چاپلايدىغان قىلىپ لاھىيىلەنگەن ئۇيغۇرچە ئېلىپىبەسى باستۇرۇلدى.

بۇ ئېلىپبە 32 ھەرىپنىڭ ھەر بىر ھەرىپىنىڭ شەكىللىرى ئايرىم يېزىلىشتىن باشقا، شۇ ھەرىپكە ماس ھالدا رەسىم كىرگۈزۈلدى، شۇنداقلا رەسىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىمۇ كىرگۈزۈلدى.

بۇ ئېلىپبە رەسىمىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىىكى بولسا، ئېلىپبەگە جانلىقلارنىڭ رەسىمى كىرگۈزۈلمىگەن، ناماز ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن ھېچقانداق مەسىلە بولمايدۇ.

پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئانا تىلى ساۋادىنى چىقىرىشتا ياردەمچىسى بولسۇن دېسەڭلار بىر دانە ئېلىپ ئۆيۈڭلارغا چاپلاپ بەرسەڭلار بولىدۇ.

ئېلىپبەنىڭ باھاسى شىۋېتسىيە پۇلىدا 50 كورون.

سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تور بېتىنىڭ ئۈستى كۆزنەكتە بار.

www.uymaarip.com/uygur

ياكى: بۇ 0723200542 نۇمۇرغا تېلېفۇن قىلىپ ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى