ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 18.07.2015 01:29:35 يوللانغان تارىخ: 18.07.2015 01:27:46 0 1431

ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

دۆلەت ئادالەتنى شەكىللەندۈرەلىگەندە خەلقنى بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ؛ بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

 

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيسى توغرىسدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆزىنىڭ يوقاتقان دۆلىتى ۋە دۆلەتچىلىك ئىدىيسىنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن.

بۇگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيسىسىنى بەرپا قىلىشتا ئۇيغۇر دوكتورى مۇختەر ئابدۇراخماننىڭ ياپونىيەدە ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتى توغرىسىدا ئامرىكا ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان زىيارتىنىڭ مۇھىم دەپ قارالغان نۇقتىلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۇم.

مۇھاكىمە يىغىنىغا ياپونىيىدىكى پەلسەپە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇر پەلسەپىسىگە ئائىت لېكسىيىنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەر ئابدۇراخمان تەييارلىغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، دۆلەت قانۇنغا تايىنىپ باشقۇرۇلغاندا ئۇ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ، دۆلەت ئادالەتنى شەكىللەندۈرەلىگەندە خەلقنى بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ؛ بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ قاراش نۆۋەتتىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ قاراشنىڭ بۇنىڭدىن 1000يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىنىڭ، جۈملىدىن سۈرگەن سەلتەنىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندىكى ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ، مەزكۇر پەلسەپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقتىنىڭ بالدۇرلۇقىغا ۋە مۇشۇنداق بىر پەلسەپە شەرھلەنگەن كىتابنىڭ ياپونىيىدە تېخىچە تونۇشتۇرۇلمىغانلىقىغا ھەيران قالغان.

ياپونىيىلىكلەر يىغىندا مۇختەر ئابدۇراخماندىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى بىلەن مەزكۇر دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىمۇ سوئال سورىغان. مۇختەر ئابدۇراخمان، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق بىر دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تارىخىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا مۇستەقىل ۋە دۆلەت باشقۇرۇپ ياشىغانلىقىنى، پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئايلانغانلىقىنى، مۇستەقىل دەۋرلىرىدە ئەنە شۇنداق ئەڭگۈشتەرلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ گۈللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ سۆزلىرىگە پاكىت سۈپىتىدە، قاراخانىيلار ئۇيغۇر دۆلىتى، قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرلىرىدىكى سەلتەنىتىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە، 21-ئەسىردىمۇ قورال كۈچىگە تايىنىپ دۆلەت باشقۇرۇۋاتقان خىتايغا ئوخشىغان دۆلەتلەرنىڭ قۇتادغۇ بىلىكىدىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىرى كۆپ دەرسلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ياپونىيەدىكى كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەر ئابدۇراخمان، ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك پەلسەپە ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇ لېكسىيىسىدە، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك قامۇسىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەبىئەت پەلسەپە ئاساسلىرىنى تونۇشتۇرغان.

 

سوئال: يىغىندا سىز ئوقۇغان لېكسىيىنىڭ تېمىسى نېمە؟

جاۋاب: ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ئاساسلىرى.

سوئال: لېكسىيىڭىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان نۇقتىلىرى قايسىلار، بۇلارنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئاممىباب بىر تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟

جاۋاب: بار. بىرىنچى، بۇ يىل 72 ‏-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك پەلسەپە يىغىنىدا ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى دېگەن بۇ تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى. ئىككىنچى قانۇنغا تايىنىپ دۆلەت باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىلغار بىر ئىدىيىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئالىمى، بىر ئاسىيالىق تەرىپىدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى. ئۈچىنچى پەلسەپىدە 4 زات قارىشى دەپ بىر گەپ بار. يەنى ئوت، تۇپراق، سۇ ۋە ھاۋادىن ئىبارەت بىر-بىرىگە خاراكتېرلىك 4 زات مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىگە تەتبىقلىنىشى....

سوئال: لېكسىيىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىمۇ بارمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. بىرىنچى، ئۇيغۇر مىللىتىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ پەن تەتقىقات تارىخىنى دۇنيادىكى تەسىرلىك ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەرگە تونۇشتۇرۇشتا رولى بار. ئالىملار ئارقىلىق سىياسەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈملۈك بىر يول دەپ قارايمەن. ئىككىنچى، خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى تېررورلۇققا باغلاپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىدە قانۇن دۆلىتى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنغانلىقىنىڭ ئۆزى، خىتاينىڭ يۇقىرىقى تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلىدۇ. ھىندىستانلىق گەندى ۋە خىتاي سۇن جۇڭشەننىڭ ھاياتى ۋە نەتىجىلىرىگە قارىساقمۇ، پەلسەپە بىلەن مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ زىچلىقى ئايان بولىدۇ....

سوئال: بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات تېمىڭىز ۋە پىلانىڭىز نېمە؟

جاۋاب: مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدىكى يۆنىلىشى بىلەن، پەن-تەتقىقات ئىشلىرىدىكى يۆنىلىش بىردەك بولۇشى كېرەك، شۇڭا مەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى بىلەن غەربنىڭ زامانىۋى دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئىككىسى ئارىسىدىكى ئورتاقلىق ۋە خاسلىقلارنى تېپىپ چىقىشنى ئويلاۋاتىمەن.

سوئال: دېمەك، مەقسىتىڭىز دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىنلا دۆلەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولغانلىقى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بىر دۆلەتنى ئادىل ۋە مۇستەقىل باشقۇرالايدىغانلىقىنى ئىلمىي نۇقتىدىن ئىسپاتلاش شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: دەل شۇنداق.

 

بۇغرا تەييارلىدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش