مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 18.07.2015 00:59:21 يوللانغان تارىخ: 18.07.2015 00:59:21 0 1910

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن

غەمسىز بالىلار كەلسە ئەركىلەپ، ئاتىلار ئۈنى ماڭسا يىتىلەپ. قالىمىزكەن شۇ ئەجەپ بىر شۈكلەپ، مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن

 

ھېيتكەن ھەممە قۇتلۇقلايدىكەن،

ئۆي-ئۆيلەردە لىق ھەم ھېيتلايدىكەن.

لېكىن ۋەتەنسىز يۈرەكلىرى قان،

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

 

ھەممە يەر ئايەم شادلىققا چۈمسە،

قېرى-ياش ھەتتا ئېچىلىپ كۈلسە.

قول-قول تۇتۇشۇپ قىيغىتىپ يۈرسە،

لېكىن...

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

 

غەمسىز بالىلار كەلسە ئەركىلەپ،

ئاتىلار ئۈنى ماڭسا يىتىلەپ.

قالىمىزكەن شۇ ئەجەپ بىر شۈكلەپ،

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

 

ئاتىنىڭ ھالى نەدۇر ۋەتەندە؟

ئانىنىڭ ھالى بەلكى بىر غەمدە.

پەرزەنتى ھالى يۆچۈن بۇ دەمدە،

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

ھەممىدە كۈلكە،شاد خۇرام ئويۇن،

لېكىن سەن غەمكىن چىرايلار سۇلغۇن.

ۋەتەنسىزلىكىڭ قىستۇرار بويۇن،

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

 

شاد خۇراملىقتا يۈرسە قېرىنداش،

لېكىن كۆزۈڭدىن ئاقاركەنغۇ ياش.

بىلىسەن بۇنى ئۆزۈڭلا ئاداش،

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

 

كۆيدۈرسە ئىچىڭ ئەھلىڭنى ئويلاش،

سېغىندۇرمامدۇ غۇلجا، يۈرۈڭقاش.

شۇ تۇپراقتىكى زەررە مىسقال تاش،

بولغاچ سېغىنىش مۇشۇنداق ياشاش،

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

 

ھەر ئەسلىگەندە قەشقەرنى لوپنى،

مۈمكىن بولمىدى سىغدۇرۇش دەرتنى.

كىممۇ ئاڭلايدۇ پىغان-ھەسرەتنى،

ئۆتكۈزمەك تەسكەن شۇڭىمۇ ھېيتنى،

مۇساپىرغا ھېچ ھېيت بولمايدىكەن.

 عبدالرحيم پاراچ

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش