قانلىق بەدەل تۆلەنمەكتە | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 09.07.2015 03:57:06 يوللانغان تارىخ: 09.07.2015 03:57:06 0 2610

قانلىق بەدەل تۆلەنمەكتە

رامىزانغا يىگىرمە بىر بولغان كۈنى، تۈركىستاننىڭ يەنە دەرتكە تولغان كۈنى. تايلاندتىكى قېرىنداشلار تەكبىر بىلەن، قانلىق بەدەل مۇسىبەتتە تىنغان كۈنى

قانلىق بەدەل تۆلەنمەكتە

 

رامىزانغا يىگىرمە بىر بولغان كۈنى،

تۈركىستاننىڭ يەنە دەرتكە تولغان كۈنى.

تايلاندتىكى قېرىنداشلار تەكبىر بىلەن،

قانلىق بەدەل مۇسىبەتتە تىنغان كۈنى.

 

قۇۋ ھىلىگەر خائىنلارغا بايرام بۈگۈن،

قان ئىچىدە قەشقەر، قۇمۇل،سايرام بۆگۈن.

بۇ ئەلەمدىن يۈرەك ئۆزىگە پاتمايدىغۇ،

كۈلۈپ ياشاش بۇ ئۈممەتكە ھارام بۆگۈن.

 

بولدۇق مانا تاغۇتلارغا قۇربانلىق قوي،

قۇۋ ھىلىگەر شاھماتچىلار ئوينايدۇ توي.

قاچان تۈگەر بۇ خارلىنىش، شەرەپسىزلىك،

ئېچىپ كۆزنى يەڭ تۈرمەمسىز قېرىنداش ھوي.

 

ئۆمىدلەرنى قارا بۇلۇت قاپلاپ تۇرسا،

ئىمان،ۋىجدان ماتەم تۇتۇپ قان يىغلىسا.

دىمكۇراتىك ئەركىنلىكلەر قېنى بۆگۈن،

كۆز يۇمدىغۇ رەزىل ئويۇن ھەم ئوينىسا.

 

قېرىنداش دەپ كۈلگەنلەرمۇ ساتتى مانا،

پايدىلىنىپ مەقسەد ئۈچۈن،ئاتتى مانا.

ھەق-ھوقۇقنى قوغدايدىغان كەززاپلارمۇ،

ئالداپ بولۇپ جىمجىتقىنا ياتتى مانا.

 

ئەي ئۇيغۇرۇم مۇسۇلمانىم كۆزلىرىڭ ياش،

بوپ قالدۇقمۇ بۆگۈن ئەمدى شۇنچە ياۋاش.

ئىشەنگەنمۇ پارتىيەڭگە جامائەتكە،

ئۇلارنىڭمۇ ھالى مانا جىمجىت قاراش.

 

ئىشەنگەنلەر بولالمىدى قىلچىلىك دال،

نىمە قىلدى ئۆمىد كۈتۈپ سۈرسەك خىيال.

ئىشەن پەقەت غالىپ يەككە اللەقىلا،

ئاخىرەت ۋە دۇنيادىمۇ قىلماس ئۇۋال.

 

قەلەمدە:عبدالرحيم پاراچ

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش