قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 07.07.2015 02:28:44 يوللانغان تارىخ: 07.07.2015 02:28:44 0 2213

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان

ئەڭ كاتتا رەھمىتى نىئمىتى ئىمان. ئەلچىگە يوللايمەن سالامىم چەندان، بىر ئازاپ يۈرەكنى تىلغايدۇ ھەرئان. سۆزلىمەي بولمىدى بۇ دەرتنى ئوبدان، قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان

 

سۆزۈمنى ھەمدىدىن باشلايمەن ھامان،  

ئەڭ كاتتا رەھمىتى نىئمىتى ئىمان.

ئەلچىگە يوللايمەن سالامىم چەندان،

بىر ئازاپ يۈرەكنى تىلغايدۇ ھەرئان.

سۆزلىمەي بولمىدى بۇ دەرتنى ئوبدان،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

ھەممە يەر قان ھىدى پۇرايدۇ كۆيەك،

رەھىمسىز چۆرگىلەر بۇ تەتۈر پەلەك.

نىمانچە تەس ئەجەپ بىر يۆچۈن كۈلمەك،

مۇسۇلمان قىممىتى يوقتۇر چالمىدەك.

ئەرلىرى بولدى قۇل قىزلىرى دىدەك،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

ياش گۈدەك سەبىنىڭ زەھەرلەنسە ئاڭ،

دىھقاننىڭ بېشىدا قىش-ياز  ئالۋاڭ.

زورلىنار يۈرۈشكە كېيىمسىز يالاڭ،

پىتنە ۋە پاساتقا زامانە ھاللاڭ،

ھەر يەردە چىن ئىمان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

يول كوچا تەشۋىقات قىپقىزىل يالغان،

تۈرمىلەر ساناقسىز مۆئمىنگە تولغان.

مەسخىرە بولماقتا مۇبارەك قۇرئان،

قاپلىدى يۈرەكنى نىداسىز پىغان.

بۇ دەھشەت ۋا دەرىخ قالماقتا پىنھان،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

زۇلۇملار تاقەت يوق سۆڭەككە يەتتى،

زالىملار يۈرەكنى لەختە خۇن ئەتتى.

سۆيۈملۈك تۇيۇلدى زىمىننىڭ تەھتى،

شەھىدلىك بەرمەكتە ياشلار ياش پىتى،

ھەتتاكى قىزلارنىڭ شەھىدە ئېتى،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

چىڭگىزنىڭ تەختىمۇ كۆرمىگەن بەلكى،

بۇ قانلىق قىسمەتنى بىلمىگەن بەلكى.

تىرناقنى چىشنى ھەم يۇلمىغان بەلكى،

مازاردا ئانىلار يۈرمىگەن بەلكى.

نۇمۇسسىز بۇ تارىخ بولمىغان بەلكى،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

خوش ئەمدى زىمىننىڭ باغرى كەڭ ئىكەن،

ئېچىلغان گۈللەر ھەم رەڭمۇ-رەڭ ئىكەن.

ھىجرەتتە اللەنىڭ پەزلى كەڭ ئىكەن،

سادىقلار سەن پەن يوق تەپمۇتەڭ ئىكەن.

يەنىلا سۈيقەستچى چىن،پەرەڭ ئىكەن،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

نىئمەتنى بەرگىنى اللەنىڭ پەزلى،

بەزىلەر شۇندىمۇ بىلمەسكەن ئەسلى.

بوپ قاپتۇ ئۇلارغا بۇ زىمىن يەسلى،

ئۇنتۇلۇپ ۋەتەننىڭ جۇدۇنلۇق پەسلى.

پىتنىدىن ئىزدەپتۇ كۆڭۈلنىڭ ۋەسلى،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

ئالىمى دەلىلسىز سۆزلەركەن خىيال،

كۆز يۇمۇپ ئەگىشەر كۆپى بىنۇرمال.

دۇنيانىڭ تەمەسى ئېسىيادى نەپسى،

كۆرسىڭىز بۇ چەتئەل باشقىچە بىر ھال.

بۆيۈك بىر غايىگە ئەمەسمۇ ئۇۋال،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

مەقسىدى نىشانى شەرىئەت يولى،

ۋە لېكىن ھېچ پۇختا ئەمەسكەن ئۇلى.

پىتنىدىن باشقىغا يوقكەن ھېچ چولى،

سەن باتىل مەن ھەقتە دىيىشكەر تىلى.

بىلمىدۇق بارمۇ يا خىتاينىڭ قولى،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

بىر مۆئمىن بولۇپ گەر ئەينەك مىسالى،

كۆرسەتسە ھەق بىلەن خۇنۈك بىر ھالى.

ۋاي ئەپسۇس زەھەردەك چېچىلسا شالى،

ئىزدىمەي قۇتقۇزۇش مەزلۇم ئامالى.

ھالال بەزىنىڭ قېنى ۋە مالى،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

دەۋاگەر غوجامدا ئايۋاننى كۆردۈم،

خوتۇندىن ئالتىنى ئالغاننى كۆردۈم.

ھەر قەدەم روزىدار يالغاننى كۆردۈم،

پەتىۋا سۆزىدىن تانغاننى كۆردۈم.

شۇ ھالەت ئوت بولۇپ يانغاننى كۆردۈم،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

بۇ يەرنىڭ زەيپانە ھالى موشۇنداق،

ھەركىمدە ھەق سۈپەت بار ئىكەن قولۋاق.

سەپلەرگە تىلىدا باركەن ئىشتىياق،

ۋە لېكىن ھاياتقا شۇ قەدەر ئامراق.

ئالاركەن ئۆزگىدىن سوتچىدەك سوراق،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

ئۇزاتقان مەزلۇمنى ئويلانمامدۇ يا،

شۇ قانلىق زۇلۇمنى ھار ئالمامدۇ يا.

خىيانەت كۆزىنى ئاچالمامدۇ يا،

پىتنىدىن تۆھمەتتىن قاچالمامدۇ يا.

 ئىماندىن گېلىدىن ئاشالمامدۇ يا،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

كۆرسەتسە خاتالىق كۆرسەتسە ئىللەت،

كىملەرگە ئىلىمسىز قىلىنسا تۆھمەت.

بار ئىكەن سۆزىمىز بەك ئاچچىق پەچەت،

بىرىلسە ئەقىلدىن دەيمىزكەن پەقەت.

يۈرەركەن شۇنىڭدىن زوق ئېلىپ قەۋەت،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

بەس قىلىڭ ھاياتنىڭ باردۇر سورىقى،

ئايرىلار ھەق- باتىل قارا ھەم ئېقى.

بىباھا تۇرسا بۇ ئىماننىڭ نەرقى،

چەيلەنسە سىزدە بۇ ئىسلامنىڭ ھەققى،

دەڭ قېنى كۇپرىدىن نىمىدۇر پەرقى؟

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

بىلىڭكى بىرلىشىش پەرىزدۇر پەرىز،

ئىنتىقام سىز ئۈچۈن گەدەندە قەرىز.

سوتچى بوپ باھاغا كەلگەنمۇ يا سىز؟

سۈكۈتتە بولغاننى دىمەيمىز تىلسىز.

زىندانلار فەتھىنى كۈتەر تەخىرسىز،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

 

قۇرۇق سۆز تاماغا كەلمەيدۇ جەننەت،

قەدىرىنى بىلگەنگە زىيادە نىئمەت.

ئەركەك سىز ئەركەكتەك كۆرسىتىڭ ھىممەت،

يوقالسۇن ئەمدى بۇ باشلاردىن زىللەت.

كۈتمەكتە تەلمۈرۈپ سىزلەرنى ئۈممەت،

قان يۈتۈپ تولغۇنار شەرقى تۈركىستان.

  قەلەمدە:عبدالرحيم پاراچ

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش