قەمبەر داموللامغا مەرسىيە | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 02.07.2015 01:55:12 يوللانغان تارىخ: 02.07.2015 01:55:12 0 3068

قەمبەر داموللامغا مەرسىيە

كومىنىست خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن چىدىغۇسىز قىيىن -قىستاقلار ئىچىدە شەھىد قىلىۋىتىلگەن، پەزىلەتلىك ئۇستازىمىز قەمبەر داموللامغا بېغىشلايمەن.

مەرھۈم قەمبەر داموللامغا مەرسىيە

 

كومىنىست خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى  تەرىپىدىن چىدىغۇسىز قىيىن-قىستاقلار ئىچىدە شەھىد قىلىۋىتىلگەن،پەزىلەتلىك ئۇستازىمىز  قەمبەر داموللامغا بېغىشلايمەن.

 

تىلغىدى بۇ دىلنى ئاچچىق بىر خەۋەر،

ئۆچتى دەپ ئىرپان نۇرىدىن بىر گۆھەر.

ئۇ گۆھەر كىمكىن دىسەك بىر نۇر ئىكەن،

ئەلۋىدا ئۇستازىمىز قەمبەر ئىكەن.

 

شەھىد قىپتۇ ۋادەرىخ ئالۋاستىلار،

قان ئىچەر كومنىست رەزىل باسقۇنچىلار.

 

ئۇ يىتۈك ئىمانى ئويغاق ئەر ئىدى،

ھەقنى -ھەق ،باتىلنى -باتىل دەر ئىدى.

جىسمىنى تولغاندۇراتتى دىن ئوتى،

ئىدىغۇ ساھابىلەردەك ئۈلپىتى.

 

بولسا ھەق مەيدانلىرىدا تەل ئىدى،

ئۇ بىلەن مۈشكۈللىرىمىز ھەل ئىدى.

ئوق ئىدى كاپىرغا نەشتەر كۆزلىرى،

كۇپرىنى تولغاندۇراتتى سۆزلىرى.

 

ھەر زامان زالىمغا ھېچ باش ئەگمىگەن،

ياكى يالغان ھى ھى قىلىپمۇ كۈلمىگەن.

كۆكلىگەن تالىپ ئىلىملەر ئەجرىدىن،

ھەق سۆيەر بولغاچقا ئۇستاز ئەسلىدىن.

 

ئۇ بىلەن تۇرغان ئادالەتنىڭ ئۇلى،

تولسىمۇ تەھدىت ئۆسەككە ئوڭ-سولى.

شۇڭىمۇ قالغاچ كۆرەلمەي ئول رەقىب،

تۈرمىگە قىلغان ئىدى ئاخىر تەقىب.

 

ۋە لېكىن زىندانمۇ ئۇستاز باشىنى،

ئەگدۈرەلمەي،يوق دىدى ئامالىنى.

بولسىمۇ دەھشەت ئازاپ،قىيناق،زۇلۇم،

دىدى ئۇستاز«بۇ مىنىڭ تۇتقان يولۇم».

 

بار پەقەت ئۇشبۇ ھاياتتا بىر ئۆلۈم،

ياكى ھەق ئىززەت ھاياتتا بىر كۆرۈم.

بولمىغاچ ئۇستازدا نامەرتلىك قېنى،

بولدى شۇ خائىنغا ھەقتىن دىگىنى.

 

باقمىغاچ زالىم نىجىسنىڭ رايىغا،

كەستى توققۇز يىل ھۆكۈم زىندانىغا.

شۇندىمۇ ئۇستازغا ئىمان بولدى يار،

ئەگمىدى باش بولسىمۇ ئالدىدا دار.

 

بۇ سۈپەت  سابىت قەدەم بولغاچ ئۆزى،

تولدى نامەرت كۇپرىنىڭ قانغا كۆزى.

ئاقىبەت تۈزدى زەھەرلىك بىر پىلان،

قاترىغاچ قەلبىدە شەيتان شۇم يىلان.

 

بولدى قىيناق ئاشتى چەكتىن شۇ قەدەر،

بولسىمۇ شۇ ياشى ئاتمىشقا يەتمىگەن.

بۇ قەدەر مەزمۇت ئىرادە تاغ سۈپەت،

ئىدىغۇ ئىمان كۈچىدىن ئۇ پەقەت.

 

شۇ سىياق قەددىنى ئەگمەي بەردى جان،

تىك تۇرۇپ پاك رەببىگە ئاقتۇردى قان.

بۇ خەۋەر تەۋرەتتى ئويغاق ھەممىنى،

تىلدى پارە بارچە مۇسلىم قەلبىنى.

 

كەتتى شۇنداق تىك تۇرۇپ ئارمان بىلەن،

تىركىشىپ ئادەم سۈپەت ھايۋان بىلەن.

كەتتى بىزگە قالدۇرۇپ قانلىق قىساس،

بۇ قىساسنى ئەركەكلەر ھېچ ئۇنتۇماس.

 

ئۇنتۇماس ئارمانلىرىنى ئاقسا قان،

قويمىغاي بۇ ئىنتىقامنى ھېچقاچان.

پات يېقىن كۈلگەي ۋەتەندە ياش قېرى،

پارلىغاي ئەدلۇ ئادالەتنىڭ نۇرى.

 

تىكلىنەر قانلار بىلەن تەۋھىد ئەلەم،

قالمىغاي مەزلۇم ئۈچۈن كۆزلەردە  نەم.

قەبرىڭىز نۇرلارغا تولسۇن  نۇرلۇنۇپ،

سىز سەۋەپ كەتكەن مۇسۇلمان ئويغۇنۇپ.

 

سىز كەبى ھەم ئاز ئىدى ئەھلى ئىلىم،

مەغپىرەت قىلغاي ياراتقان خالىقىم،

يەككە زات ھۆرلەر بىلەن شاد ئەيلىگەي،

پىردەۋىس جەننەت بىلەن ھۆرمەتلىگەي.

 

   قەلەمدە:ئابدۇرەھىم پاراچ

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش