تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.07.2015 08:55:07 يوللانغان تارىخ: 01.07.2015 08:55:07 0 4916

05- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىقى ۋە خىتاينىڭ روزا چەكلەش سىياسىتىگە قارشى نامايىشقا چاقىرىق

ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش، رامزاندا ئۇيغۇرلارنى ئۇسۇلغا سېلىش، پىۋا ئىچىش بايرىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان رەزىل ۋاستىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى

05- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىقى ۋە خىتاينىڭ روزا چەكلەش سىياسىتىگە قارشى نامايىشقا چاقىرىق

 

ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 2009- يىلى 05- ئىيۇل كۈنى خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ 6- يىلىمۇ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

بىز شەرقىي تۈركىستانلىق بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ- كىچىك ھەرقانداق قىرغىنچىلىقلارنى ئونۇتماي قولىمىزدىن كېلىشىچە پائالىيەت قىلىش دىنىي، مىللىي ۋە ۋىجدانىي بۇرچىمىزدۇر.

ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ھايات قالغانلارنى سوتلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق زوراۋانلىقلارغا قارشى 2009- يىلى 05- ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ئون مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى، تىپتىكى قوراللار بىلەن قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى، قارا قۇيۇق قىرغىن قىلغان ئاشۇ كۈننىڭ 6 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىر كۈنلەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادا قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان ئىسلامنىڭ بەش پەرىزلىرىدىن رامزان ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىشىنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن رەزىل سىياسىتىنى ئىجىرا قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش، رامزاندا ئۇيغۇرلارنى ئۇسۇلغا سېلىش، پىۋا ئىچىش بايرىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان رەزىل ۋاستىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى، 22- ئىيۇن كۈنى قوراللىق باستۇرۇپ قىرغىن قىلغانلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شىۋېتسىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىدىن، تەقۋا جەمئىيىتى، مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن، 2015- يىلى 05- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نارازلىق نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

نامايىش 05- ئىيۇل كۈنى سائەت 14:00 دە، شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا باشلىنىپ، كېيىن يول بۇيى شوئار توۋلاپ ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىغىچە مېڭىپ بېرىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شىۋېتسىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۈشبۇ نامايىشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

 ئورنى، شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا.

ۋاقتى: 2015- يىلى 05- ئىيۇل يەكشەنبە سائەت 14:00 دە.

نامايىش توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا كىرىڭ.

http://uymaarip.com/uygur/?p=8788

05- iyul ürümchi qirghinchiliqining 6 yilliqi we xitayning roza cheklesh siyasitige qarshi namayishqa chaqiriq

Ishghalchi xitay kommunist hakimiyiti 2009- yili 05- iyul küni xitay aqqunliri bilen birliship élip barghan qirghinchiliqining 6- yilimu kélish aldida turmaqta.
Biz sherqiy türkistanliq bulush süpitimiz bilen, sherqiy türkistanda kommunist xitay hakimiyiti teripidin élip bériwatqan chong- kichik herqandaq qirghinchiliqlarni onutmay qolimizdin kélishiche pa’aliyet qilish diniy, milliy we wijdaniy burchimizdur.
Ishghalchi xitay hakimiyitining sherqiy türkistanda élip bériwatqan qirghinchiliq, tutqun qilish, qestlep öltürüsh, hayat qalghanlarni sotlap ölümge höküm qilish qatarliq zorawanliqlargha qarshi 2009- yili 05- iyul küni özining heq- hoquqini telep qilip namayish qilghan on minglarche uyghur yashlirini, tiptiki qorallar bilen qorallan’ghan xitay eskerliri, qara quyuq qirghin qilghan ashu künning 6 yilliqi yétip kélish aldida turiwatqan bir künlerde, musulmanlarning ada qilishigha tégishlik bolghan islamning besh perizliridin ramzan éyining yétip kélishining aldida, uyghurlarni dinsizlashturush üchün rezil siyasitini ijira qiliwatqan xitay hakimiyiti, uyghurlarning roza tutushini cheklesh, ramzanda uyghurlarni usulgha sélish, piwa ichish bayrimi ötküzüsh qatarliq insaniyet qélipidin chiqqan rezil wastilerni ishletkenlikige naraziliq bildürgen uyghurlarni, 22- iyun küni qoralliq basturup qirghin qilghanliqi bu munasiwet bilen «shiwétsiye uyghur ma’arip uyushmisi we shiwétsiye uyghur komitéti» ning birlikte orunlashturushi we shiwétsiyediki türk teshkilatliridin, teqwa jem’iyiti, milliy görüsh teshkilati, yawropa türk démokratlar birlikining shiwétsiye shöbisi we bashqa teshkilatlarning hemkarliqi bilen, 2015- yili 05- iyul yekshenbe küni, tajawuzchi xitay hakimiyitige qarshi keng kölemlik birleshme narazliq namayish orunlashturuldi.
Namayish 05- iyul küni sa’et 14:00 de, shiwétsiye parlaménti aldida bashlinip, kéyin yol buyi sho’ar towlap ishghalchi xitay hakimiyitining shiwétsiyede turushluq elchixanisi aldighiche méngip bérilidu.
Bu munasiwet bilen, shiwétsiyediki barliq sherqiy türkistanliqlarni üshbu namayishqa qatnishishini ümit qilimiz.

Orni, shiwétsiye parlaménti aldida.
Waqti: 2015- yili 05- iyul yekshenbe sa’et 14:00 de.

Namayish toghrisida tepsili melumatqa érishmekchi bolsingiz töwendiki ulanmigha kiring.

http://uymaarip.com/uygur/?p=8788

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى