شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇش چەكلىنىپ ھاراق ئىچىش مەجبۇرلانماقتا | شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 28.06.2015 01:13:25 يوللانغان تارىخ: 27.06.2015 10:56:00 0 824

شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇش چەكلىنىپ ھاراق ئىچىش مەجبۇرلانماقتا

خىتاينىڭ ئىت يىيش بايرىمىغا قارشى نامايىش قىلغان دۇنيا، 70 يىلدىن بىرى بۇ زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالماقتا،

‏شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇش چەكلىنىپ ھاراق ئىچىش مەجبۇرلانماقتا

ئاپتورى: سەركان ئۈستۈنەر 
‏كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەپ ياشلارنى پىۋا ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى توغرىسىدا، تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق ئاخباراتلىرىدىن بېرى خەۋەر7 نىڭ تور بېتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماقالە مۇنداق باشلانغان.
‏شەرقى تۈركىستاندا ئۆلمەك نورماللا بىر ئىشتۇر، ئەتتىگىنى كۆكتاتقا چىققىنىڭزدا سىزنى كۆرگەن خىتاي پەقەتلا سىزنىڭ مېڭىشىڭىز كۆزىگە سىغمىغانلىقى ئۈچۈن سىزنى قاماپ قۇيالايدۇ ۋە خالىسا ئۆلتۈرەلەيدۇ. 

بۇ يەردە قانۇن ۋە ھەق ھۇقۇق يوقتۇر.
ئەگەر ھەق ھۇقۇق تەلەپ قىلسىڭز ئەڭ ئاۋال ئائىلە جەمەتىڭىز بىلەن قۇشۇلۇپ تېررورىست نامىغا ئىگە بولىسز، ئاندىن بىر يۈك ماشىنسىنىڭ كابىنكىسىغا قول پۇتىڭىز باغلاقلىق ھالدا تاشلىنىسىز، ئاندىن مەيدانلاردا ھۆكۈم چىقىرىلىپ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىسىز. سىزنىڭ گۇناھىڭىز ئۇيغۇر بولماق، مۇسۇلمان بولماق.
ئاپتۇر ماقالىسىدە يەنە: ئاپتۇماتىك شەكىلدە 1940 تىن ھازىرغا قەدەر 60 مىليون مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلدى، ئاخىرىقى 25 يىلدا روزا تۇتۇشنىمۇ چەكلىدى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن ھەرقانداق بىر شەيتانى چارە بولسا ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكىمىتى 1990- يىلى 5- ئاپرىلدا يۈز بەرگەن رامىزاندىكى مىللىي ھەرىكەتتىن كېيىن، ھەر يىلى رامىزاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ روزا تۇتشىنى چەكلەپ كەلدى.
ئاخىرىدا كومۇنىستىك پارتىيە ۋە يەلىك ھۆكۈمەت قارار چىقىرىپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان مەمۇرى خادىم، ئوقۇتقۇچى- ئۇقۇغۇچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرنىڭمۇ روزا تۇتۇشىنى چەكلىدى.
مۇسۇلمانلار بۇ روزا ئىبادىتنى داۋاملاشتۇرسا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغۇنى، قاماق جازاسى، جەرىمانە، تۈرلۈك ھاقارەت.
خىتاي ھۆكىمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىمەك-ئىچمەك بىلەن شۇغۇللىندىغان بارلىق تىجارەت تۈرلىرنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.
بۇ شەيتانلىقنىڭ بىرى بۇ يىلى مەيدانغا كەلدى. ئۇ بولسىمۇ پىۋا ئىچىش بايرىمى.
كىشلەرنى توپلاپ مەجبۇرى ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىماقتا، ۋە روزىلىرنى بۇزۇشقا ھەركەت قىلماقتا.
خوتەننىڭ نىيىدە، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى توپلاپ پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسى نامىدا پىۋا ئىچىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىسمىنى «خۇشاللىق » پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسى قۇيغانلىقى ئاشكارلانماقتا.
بۇ قانۇنلارغا قارشى چىققانلار نەقمەيداندا ئېتىپ تاشلىنىش ھۆكۈمى بىرىلمەكتە، بىر قانچە كۈن بۇرۇن 18 كىشى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئاپتۇر ماقالىسىدە يەنە: خىتاينىڭ ئىت يىيش بايرىمىغا قارشى نامايىش قىلغان دۇنيا، 70 يىلدىن بىرى بۇ زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالماقتا، ھەر يىلى ئېشىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا نە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن نە ياۋروپادىن ئىنكاس كەلگىنى يوق.
2009- يىلى 05- ئىيول ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى ھازىرقى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان، بۇ ۋەقەنى ئېرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى تۇختات دېگەن ئىدى ۋە ب د ت غا يەتكۈزگەن ئىدى. بۇ سەۋەپلىك خىتتاي قىسقا مۇددەتلىك بولسىمۇ ئەسكەرلىرىنى ئازايتقان ئىدى.
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە 17 سائەت روزا تۇتۇۋاتىمىز، بۇ ۋاقىتنى ئۇزۇن دەپ ۋايسىغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ شەرقى تۈركىستاندا روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان شۇ قېرىنداشلار ئېسىگە كەلسۇن. بەلكى شۇ ۋقىتتا بۇ ئۇزۇنلۇقنىڭ تىلغا ئالغۇچىلكىمۇ يوق بىر ئىش ئىكەنلىكى ئىسىگە كەلسە كېرەك.
‏تەييارلىغۇچى: ئاسمان

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش