مۇھىت ۋە ساغلاملىق

يېڭىلانغان تارىخ: 21.05.2015 10:27:28 يوللانغان تارىخ: 21.05.2015 10:27:28 0 5334

مۇسۇلمانلارغا ھالال ماركىلىق چوشقا گۆشى سىېتىلدى

چوشقا گۆشىدە قىلىنغان قىيزالارنى، ھالال تامغىسى ئۇرۇپ سىتىلىشى بۇ شىركەتنىڭ مۇسۇلمان ئىستىمالچىلىرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

‏مۇسۇلمانلارغا ھالال ماركىلىق چوشقا گۆشى سىېتىلدى

ئەنگىليەدىكى بىر زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈستىگە خاتالىق تۈپەيلى ھالال تامغىسىنى بسىپ قويغانلىقى ئوتتۇرغا چىققاندىن كىيىن، بۇ تاللا بازىرى شۇ رايوندىكى بارلىق مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىغان.

‏مۇسۇلمان ئستىمالچىلار بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

‏ALDI ماركىلىق گىرمان يىمەكلىك مەھسۇلاتىنىڭ، ئەنگىليەدىكى تاللا بازارلىرىدا چوشقا گۆشىدە قىلىنغان قىيزالارنى، ھالال تامغىسى ئۇرۇپ سىتىلىشى بۇ شىركەتنىڭ مۇسۇلمان ئىستىمالچىلىرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.
‏بۇ مەھسۇلاتلاردا ھالال تامغىسىنى كۆرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنكاسىغا نىسبەتەن، بۇ شىركەت مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاللا بازىرى مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىدى

شىركەتنىڭ بەرگەن چۈشەندۈرشىدە، بۇ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئىش توغۇرلۇق شىركەتنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
‏شېركەت بۇ توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارغا ھالال تامغىسىنىڭ خاتا بىسىلىپ قالغانلىقىىنى بىلدۈرگەن.
‏بۇ مەسلە ھەل قىلىندۇ ۋە بۇ قاملاشمىغان ۋەقەدىن ۋە بۇ چوڭ سەۋەنلىكتىن كەچۈرۈم سورايمىز دىدى.
بۇ ۋەقەنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋال ئەمەسلىكى، ھەمدە بۇنىڭدا يىمەكىلىك بىخەتەرلىكىدە ھىچقانداق مەسلە كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن باياناتتا، مەھسۇلاتلارنى سىتىۋىلىپ رازى بولمىغان ئستىمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۈۋەتسە بولدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا پۇلىنىڭ ھەممىسنى قايتۇرۇپ بىردىغانلىقى بىلدۈرگەن.
‏چوشقا گۆشىنىڭ ئۈستىدىكى ھالال تامغسى
ھالال تامغىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ شوتلاندىيەدىكى *Punjab pakora * ئسىملىك شىركەت ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ALDI ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىغىمۇ مۇسۇلمان ئستىمالچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇنلاشتۇرغان* ئۆلچەملىك سالامەتلىك كودى تامغىسى بارلىقى ئىنىقلاندى.

مەسلىنى ھەل قىلدۇق

پۇنياپ پاكورنىڭ باياناتىدا، بۇ خاتا تامغىلارنىڭ بولسا زاۋۇتلاردىكى تامغچى تەرپىدىن كۆرۈلگەن خاتالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە شىركەت بۇنى بايقىماي قالغانلىقى ۋە بۇنىڭ بازارغا سىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە، بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممسىنى قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋە بۇ مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىستىالچىلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق ۋە بۇ مەسلىنى ھەل قىلدۇق دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

دۇنيادا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە 9 مىڭدىن ئارتۇق تاللا بازىرى بولغان يىمەكلىك زەنجىرى *ALDI* دۇنياغا ئەزان مال سىتىش نامى بىلەن داڭلىقتۇر.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى