شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار! شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىمىز:

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بەرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، بۇلاڭ -تالاڭلىرىنى ئەينەن پاش قىلىپ، خەلقئاراغا ئاشكارلاش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆزنىكى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، ھېچقانداق بىر سىياسى پارتىيە ۋە گۇرۇھقا بېقىنمايدىغان، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، شىۋېتسىيە ئاخبارات قانۇنىغا ماس ھالەتتە، 2014- يىلىنىڭ بېشىدا ئىش باشلىغان بولۇپ، 2014- يىلى 13- ئىيۇل كۈنى، شىۋېتسىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئەنگە ئېلىش ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتۈپ، شىۋېتسىيە دۆلىتىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى تىزىملىكى قاتارىدىن رەسمىي ئورۇن ئالدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى سەۋەبى

ئىشغالچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا، ئېلىپ بېرىلغان چوڭ- كىچىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ، تەتۈر تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى شەرقى تۈركىستان خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ كەلدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقىدىن قېچىپ چەتئەللەرگە چىققان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، ۋەتەننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، ياكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەقەنى بۇرمىلاپ تەتۈر تەشۋىقاتى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتايغا بولغان غەزەپ- نەپرىتى كۈنسىرى ئاجىزلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتقان كۈنلەردە، تور دۇنياسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر قانچىلىغان ئاخبارات ئورۇنلىرى مەيدانغا كەلدى.

لېكىن، مەزكۇر ئاخبارات ئورۇنلىرى، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش خىزمىتىدە يەنىلا يېتەرسىز.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا بولغان زور ئېھتىياجىنى تونۇپ يەتكەن بىر گۇرۇپ دىن سۆيەر، ۋەتەنپەرۋەر ئاۋانگارت ياشلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە تەشۋىقات مەركىزىگە مەخسۇس تور بەت تەسىس قىلىپ، www.uyhewer.biz  نامىدا توربەت قۇرۇپ چىقتى.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، مۇستەقىل بىر ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەتئەللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق تەشكىلاتلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ.

تەرەپسىز شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى قوللاش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىپ، ۋەقەلىكلەرنى تەرەپسىز ھالدا، توغرا شەكىلدە ئاڭلىتىش، خەۋەر، تەھلىل ۋە ئانالىز ماقالىلارىنى يېزىش، باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىش، سۆھبەت پروگراممىسى، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش بىلەن بىرگە، باشقا دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى جانلىق ئوبزور ۋە تەھلىل شەكىلدىكى ماقالىلارنى يېزىپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە ئاۋازىنى دۇنياغا نامايان قىلىپ كەلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتى ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى تارقىتىش سۇپىلىرى، خىتاي تور قاراقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىشى خىرىسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مەركىزىمىزنىڭ تور تېخنىكا خادىملىرىنىڭ جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە، تور بېتىمىزنىڭ خىزمىتى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچۇرماي، نورمال خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، تەشۋىقات ساھەسىدىكى زامانىۋى ئىلغار ۋاسىتىلەردىن ۋاقتىدا پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلارغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئېلىپ بېرىش ئىشلىرىدا ھەيدەكچىلىك رول ئوينىدى.

قانداق قىلغاندا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟» دېگەن ئىدىيىنى چۆرىدىگەن ھالدا، بارلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي مۇتەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، جېنى ۋە مېلى بىلەن ئەمەلىي پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان سەۋىيىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ چاقىرىقى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ياش، جىنس ۋە يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيە  ۋە ئارتۇقچە شەرت تەلەپ قىلمىغان ئاساستا، ئىختىيارى مۇخبىر قوبۇل قىلىدۇ.

ئاخباراتچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ دادىل ھالدا مەيدانغا چىقىپ سېپىمىزگە قېتىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ مۇنبىرىمىز ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئاخبارات تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى